داۋۇتئوغلۇ ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ

داۋۇتئوغلۇ ئالجىرىيەدە 17- نۆۋەتلىك ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتى مىنىستىرلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.

75435
داۋۇتئوغلۇ ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ رۇسىيەدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئالجىرىيەگە يېتىپ باردى؛ داۋۇتئوغلۇ ئالجىرىيەدە 17- نۆۋەتلىك ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتى مىنىستىرلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.
يىغىنغا 120 دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى قاتنىشىدۇ؛ داۋۇتئوغلۇ رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىدىغان يىغىن دائىرىسىدە ئايرىم ئۇچرىشىشلارنىمۇ ئۆتكۈزىدۇ.
يىغىندىن كېيىن جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىلىدىغان خۇلاسە دوكلاتى بولسا، 2015- يىلى ۋېنېسۇئېلادا چاقىرىلىدىغان ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەسىلىلەرنىمۇ بەلگىلەپ بېرىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر