ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ خەلقئارا جەمئىيەتكە خىتاب قىلدى

76607
ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ خەلقئارا جەمئىيەتكە خىتاب قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ 28 – ماي ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتىنىڭ 17 – نۆۋەتلىك يىغىنىدا، 120 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىغا قۇتۇپلىشىشتىن يىراق تۇرۇشنى چاقىرىق قىلدى.

ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، يىغىندا قىلغان سۆزلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى. ئۇ خەلقئارالىق تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان شەكىلدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى چاقىرىق قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ تۈركىيەنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ياردەم قىلىش جەھەتتە دۇنيادا 4 – ئورۇندا تۇرىدىغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەمكارلىق پائالىيەتلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى.

ئۇ يىغىن جەريانىدا، ئىراق، لىۋان ۋە سېربىيە قاتارلىق 15 دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشۈپ، تۈركىيەنىڭ 2015 – 2016 – يىللىق ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ۋاقىتلىق ئەزالىقى ئۈچۈن ياردەم تەلەپ قىلدى.

ئۇ سومالىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ ئائىلىلىرىگە سەۋر تىلىدى ۋە بۇ ھۇجۇملارنىڭ تۈركىيەنىڭ ئافرىقىدا قانات يايدۇرۇۋاتقان سىياسەتلىرىگە تەسىر يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ ئۇكرائىنادا تۇتۇپ كېتىلگەن ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى (AGİT) نىڭ خادىمى مەھمەت قىلىچنىڭ تېپىلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك ھەرىكەتلەرنى قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر