داۋۇتئوغلۇ رۇسىيەدە زىيارەتتە بولماقتا

دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ، ئىستىراتېگىيەلىك ئورتاق پىلان تۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 4 – نۆۋەتلىك يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن رۇسىيەدە زىيارەتتە بولماقتا

74785
 داۋۇتئوغلۇ رۇسىيەدە زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ، ئىستىراتېگىيەلىك ئورتاق پىلان تۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 4 – نۆۋەتلىك يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن رۇسىيەدە زىيارەتتە بولماقتا.
داۋۇتئوغلۇ، ئۇكرائىنادىكى ئۆزگىرىشلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن موسكۋادا بىر يەرگە جەم بولدى.
داۋۇتئوغلۇ، ئۇچرىشىشتا تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ بارغانسېرى مۇستەھكەملىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ستىراتېگىيەلىك ئورتاق پىلان تۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 4 – نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
يىغىندا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغان نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن داۋۇتئوغلۇ، ئىستىراتېگىيەلىك، مەدەنىيەت، ساياھەت ۋە خەلقئارالىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بولسا، يىغىندا سۈرىيە ۋە ئۇكرائىنادىكى ئۆزگىرىشلەر، ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسى، قارادېڭىز رايونى ۋە شىمالىي كاۋكاز رايونىدىكى ھەمكارلىق مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
لاۋروۋ مۇنداق دېدى: «ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىكى مەۋجۇت دىئالوگىمىزنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر