جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل سومادا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ

كۆمۈر كان ۋەقەسىدىن كېيىن جۇڭگوغا قىلىدىغان 6 كۈنلۈك زىيارىتىنى بىكار قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل بۈگۈن سومادا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ

68202
جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل سومادا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ

جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل سومادا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ.
كۆمۈر كان ۋەقەسىدىن كېيىن جۇڭگوغا قىلىدىغان 6 كۈنلۈك زىيارىتىنى بىكار قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل بۈگۈن سومادا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ.
جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈلگە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قىلىدىغان زىيارىتىنى بىكار قىلغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى جەمىل چىچەكمۇ ھەمراھ بولىدۇ.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ۋەقە تۈپەيلى تۈنۈگۈن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى كومىتېت ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىمۇ بىكار قىلىنغان.
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ ئېچىلىشىدىمۇ ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىشچىلار ئۈچۈن ھۆرمەتتە تۇرۇلدى.
ھۆرمەتتە تۇرۇلغاندىن كېيىن 4 پارتىيە تەرىپىدىن پارلامېنتقا سۇنۇلغان ئورتاق باياننامە ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
ئومۇمىي كېڭەشنىڭ پائالىيەتلىرى 20 - مايغا قەدەر توختىتىپ قويۇلدى.
ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرىمۇ تەزىيە سىگناللىرى ئارقىلىق قايغۇ - ھەسرەتلىرىنى ئورتاقلاشتى.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى رەھبىرى كەمال قىلىچدارئوغلۇ بىلەن خەلق دېموكراتىيەسى پارتىيەسىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسى سەباھات تۇنجەلمۇ تۈنۈگۈن سوماغا كەتتى. مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەھبىرى دۆلەت باھچەلىمۇ بۈگۈن سوماغا بارىدۇ.
باش ئىشتاب باشلىقى نەجدەت ئۆزەل بىلەن دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مەھمەت گۆرمەزمۇ ئايرىم - ئايرىم ھالدا تەزىيەنامە ئېلان قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر