مىللىي پىيادە قىسىملار مىلتىقى ئىشلەپچىقىرىلدى

تۈركىيەنىڭ تۇنجى يەرلىك مىللىي پىيادە قىسىملار مىلتىقى قىرىققالئە ماشىنىلىشىش ۋە خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ قورال - ياراغ فابرىكىسىدا ئىشلەپچىقىرىلدى

65027
مىللىي پىيادە قىسىملار مىلتىقى ئىشلەپچىقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ تۇنجى يەرلىك مىللىي پىيادە قىسىملار مىلتىقى قىرىققالئە ماشىنىلىشىش ۋە خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ قورال - ياراغ فابرىكىسىدا ئىشلەپچىقىرىلدى.
زامانىۋى پىيادە قىسىملار مىلتىق لايىھەسى دائىرىسىدە ئىشلەپچىقىرىلغان 200 دانە مىلتىق قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئىشتابىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.
تۈرك ئېنژىنېرلار بىلەن تېخنىك خادىملار تەرىپىدىن لايىھەلەنگەن مىلتىقنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى ۋە ۋەزىپە ئۆتەش ئېھتىياجلىرى نەزەردە تۇتۇلۇپ بېكىتىلگەنىدى.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان خەلقئارالىق ئۆلچەمگە لايىق سەۋىيەدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان سىناق باسقۇچى 2013 - يىلى نويابىردا تاماملانغانىدى.
دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ 5 - مايدا چاقىرىلغان يىغىنىدا مىللىي پىيادە قىسىملار مىلتىقىغا MPT-76 تىپلىق مىلتىق نامى بېرىلىشى قارارلاشتۇرۇلغانىدى.
200 دانە مىللىي پىيادە قىسىملار مىلتىقى تۈنۈگۈن قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئىشتابىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.
خەلقئارالىق پاتېنىت ھوقۇقى ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنۇلغان مىلتىقنى سىستېمىلىق ئىشلەپچىقىرىش توختامنامىسىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە ئىمزالىنىشى ۋە زاكاز ئىشلىرىنىڭمۇ بۇ يىل باشلىنىشى نىشان قىلىنماقتا.
ئىگىلىنىشىچە، 7.62 مىللىمېتىر ئەتراپىدىكى مىلتىقنىڭ بارلىق نەشىر، ئىگىدارچىلىق ۋە پاتېنت ھوقۇقى دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ئورگىنىغا ئائىت ئىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر