تۈركىيە ئۇكرائىنانىڭ ئودېسا شەھىرىدە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەل

تۈركىيە، ئۇكرائىنانىڭ ئودېسا شەھىرىدە قارىمۇ قارىشى گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ۋە ئۇيۇشمىلار بىناسىغا ئوت قويۇپ بېرىپ، كۆپ ساندا كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىلىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

63371
تۈركىيە ئۇكرائىنانىڭ ئودېسا شەھىرىدە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەل

تۈركىيە، ئۇكرائىنانىڭ ئودېسا شەھىرىدە قارىمۇ قارىشى گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ۋە ئۇيۇشمىلار بىناسىغا ئوت قويۇپ بېرىپ، كۆپ ساندا كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىلىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، شەھەردە 2 - ماي كۈنى ۋەقەلەر ۋە ئودېسادا مەيدانغا كەلگەن ئەپسۇسلىنارلىق ۋەقەنىڭ دۆلەتتىكى جىددىيچىلىكنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئىلگىرىمۇ تەكىتلىگىنىمىزدەك، دۆلەتتىكى بارلىق تەرەپلەرنىڭ كۆز - قاراش ۋە تەلەپلىرىنى دېموكراتىك ۋە تىنچ يول بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشى، قانۇنسىز ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرۇشنىڭ لازىملىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بارلىق تەرەپلەرنى سوغۇققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىمىز.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر