تۈركىيە سۈرىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى

63420
تۈركىيە سۈرىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ دۇنيا ۋە خەلقئارالىق جەمئىيەتلەرنى ئاگاھلاندۇردى.
ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ: «بۇ ئەھۋال ئاستىدا چىقىرىلغان سايالم قارارى، سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى ۋە سۈرىيە خەلقىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىش مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.
سۈرىيەدە ئەڭ ئاز دېگەندە 3 مىليون ئادەم دۆلىتىدىن قېچىپ، باشقا دۆلەتلەردە پاناھلاندى. يەنە ئەڭ ئاز دېگەندە 6 مىليون ئادەم ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى. شۇڭا دۆلەت مىقياسىدا نوپۇسنىڭ يېرىمى سايلامدا بېلەت تاشلىيالمايدۇ.
ئىيوردانىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە قاتتىق ئىپادىلەرنى قوللاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ئەھۋالدا دۆلەت نوپۇسىنىڭ يېرىمى ئۆزىنىڭ جايىدا يوق تۇرۇپ ئۆتكۈزۈلگەن سايلامنىڭ مەنىسى بولامدۇ؟ بۇ ئەسلىدە سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ نۇرغۇنلىغان نۇقتىلاردىن سەمىمىي ئەمەسلىكىنى ۋە ئىككى يۈزلىمىچىلىكنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»
ئۇ سۈرىيەدىكى پۈتۈن خەلق قاتناشمىغان سايلامنى ئىناۋەتكە ئېلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە، سايلام ئۆتكۈزۈلگەن ئەھۋال ئاستىدا سۈرىيە خەلقىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىش مۇمكىنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر