گېرمانىيەنىڭ تۆۋەنكى ساكسونيا ئىشتاتىنىڭ باش مىنىستىرى تۈركىيەدە

فېدېرال گېرمانىيە تۆۋەنكى ساكسونيا ئىشتاتىنىڭ باش مىنىستىرى سىتېپھان ۋېيل، ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن گېرمانىيەنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىخانىسىدا ئاخبارات ۋاستىلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى

63443
گېرمانىيەنىڭ تۆۋەنكى ساكسونيا ئىشتاتىنىڭ باش مىنىستىرى تۈركىيەدە

گېرمانىيەنىڭ تۆۋەنكى ساكسونيا ئىشتاتىنىڭ باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا.
فېدېرال گېرمانىيە تۆۋەنكى ساكسونيا ئىشتاتىنىڭ باش مىنىستىرى سىتېپھان ۋېيل، ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن گېرمانىيەنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىخانىسىدا ئاخبارات ۋاستىلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.
ئۇچرىشىشلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋېيل، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تولۇق ئەزالىقىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ۋېيل، 23 - ۋە 24 - سۆھبەت تېمىلىرىنىڭ ئېچىلىشىنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
تۆۋەنكى ساكسونيا ئىشتاتىدا ئوخشىمىغان ئىرقتىكى ئىنسانلارنىڭ ياشايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋېيل، «بىز ھېچكىمگە مىللىتى ۋە ئىرقىغا قاراپ مۇئامىلە قىلمايمىز، بۇ بولسا خۇشپېئىللىق دېمەكتۇر. بۈگۈن تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىمىزنىڭ مەزمۇنىمۇ بۇ مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى» دېدى.
گېرمانىيەنىڭ ھاننوۋېر شەھىرى بىلەن تۈركىيەنىڭ كونيا شەھىرىنىڭ قېرىنداش شەھەرلەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ۋېيل، كونيادا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ۋېيل، كونيا زىيارىتىدىن كېيىن ئەنقەرەدە جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈلنىڭ مېھمىنى بولىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر