تۈركىيە پۇقرالار ئاۋىئاتسىيە تارىخىدا يېڭىلىق يارىتىلدى

يېڭى جىددىي قۇتقۇزۇش تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرى بىلەن كېچىلىرىمۇ مۇلازىمەت قىلىشىمۇ مۇمكىن بولىدۇ.

61889
تۈركىيە پۇقرالار ئاۋىئاتسىيە تارىخىدا يېڭىلىق يارىتىلدى

تۈركىيە پۇقرالار ئاۋىئاتسىيە تارىخىدا يېڭىلىق يارىتىلدى؛ ئايىرباس تىك ئۇچار ئايروپىلان شىركىتىنىڭ 19 دانە EC135 تىپلىق ئارقا سەپ تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى تاپشۇرۇپ بېرىشى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە ئورگىنى جىددىي قۇتقۇزۇش تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرىغا كېچىدە كۆرەلەيدىغان ئىقتىدار قوشۇلغان بولدى.
يېڭى جىددىي قۇتقۇزۇش تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرى بىلەن كېچىلىرىمۇ مۇلازىمەت قىلىشىمۇ مۇمكىن بولىدۇ. تۈركىيە، ئامېرىكا، گېرمانىيە ۋە فىنلاندىيەگە ئوخشاش تەرەققىي تاپقان ئەللەردىن كېيىن 7 كۈن 24 بويىچە ئىزدەش – قۇتقۇزۇش، تەبىئىي ئاپەت جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان تۆتىنچى دۆلەت بولدى.
مەزكۇر زامانىۋىي ئايروپىلانلارنىڭ خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلۈشى بىلەن ئۇچقۇچىلارنىڭمۇ يۈكى ئېغىرلىشىدۇ. ئۇچقۇچىلار ناھايىتى سەزگۈر بولۇشنى تەلەپ قىلىدىغان كېچە ئۇچۇشلىرىدىن 45 مىنۇت ئىلگىرى قاراڭغۇ بىر ئۆيگە كىرىپ ئۇچۇشقا تەييارلىق قىلىدۇ. 2D لىق كۆرۈنۈشلەرنى قوبۇل قىلىدىغان كۆزەينەكلەرنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنىمۇ ئۇچقۇچىلار ئانالىز قىلىدۇ.
گېرمانىيە ۋە تۈركىيەدە 12 كۈنلۈك ئىككى باسقۇچلۇق تەلىم – تەربىيەدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچقۇچىلار مۇشكۇل خىزمەتلەرگە تەييار ھالەتتە تۇرماقتا. كېچىسى كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ تۈركىيەدىكى ئىشلىتىلىش ساھەسىنىڭ كۈنسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى كۈتۈلمەكتە. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ساھەدە ياۋروپا ئەللىرىنىمۇ تەلىم – تەربىيە خىزمىتى بىلەن تەمىنلەش تەييارلىقلىرى باشلىنىپ كەتكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر