يىلدىرىم ئۆلۈم جازاسى توغرىسىدىكى ئاخىرقى سۆزىنى قىلدى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، ئۇزۇندىن بۇيان دەتالاش قىلىنىۋاتقان ئۆلۈم جازاسى توغرىسىدىكى سوئاللارغا ناھايىتى كەسكىن جاۋاب بەردى.

599859
يىلدىرىم ئۆلۈم جازاسى توغرىسىدىكى ئاخىرقى سۆزىنى قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، ئۆلۈم جازاسىنىڭ سىياسىي پارتىيەلەر بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان ئەھۋالدىلا قايتىدىن يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 93 – يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا بېرىلگەن زىياپەتتە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ، ئۆلۈم جازاسىنىڭ قايتىدىن يولغا قويۇلۇشىغا دائىر تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ بار – يوقلۇقىغا دائىر بىر سوئالغا، «ئۆلۈم جازاسىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى بىلەن بىرلىكتە خەلق ئاممىسىدىن كەلگەن بىر تەلەپ ئىكەنلىكى مەلۇم. لېكىن، شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، ئۆلۈم جازاسىنى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئۆز ئالدىغا يولغا قويۇش ئىمكانىيىتى يوق. شۇڭا بۇ، پارتىيەلەر بىلەن يارىشىش ھاسىل قىلىش ئارقىلىقلا قىلغىلى بولىدىغان بىر ئىش» دەپ جاۋاب بەردى.

باش مىنىستىر يىلدىرىم، «پارتىيەلەر بىلەن يارىشىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتەمسىلەر؟» دېگەن سوئالغا «ناھايىتى تەبىئىي» دەپ جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر