ھەلەب بىلەن تەڭ ئىنسانلىقمۇ يوقالماقتا | ئانالىز

«تۈركىيە پەنجىرىسىدىن ئوتتۇرا شەرققە نەزەر» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «ھەلەب بىلەن تەڭ ئىنسانلىقمۇ يوقالماقتا» ماۋزۇلۇق تېمىنى ھۇزۇرۇڭلارغا تەقدىم قىلىمىز.

624692
ھەلەب بىلەن تەڭ ئىنسانلىقمۇ يوقالماقتا | ئانالىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 1990 – يىللارنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادا مەيدانغا كەلگەن ئېتنىك تازىلاش ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئامېرىكىدىكى داڭلىق بىر ئاپتوموبىل بېزەكچىسى <بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنالىقلارنىڭ قېنى ئىنسانىيەتنىڭ چېھرىدىكى بىر داغدۇر> دەيتتى: 1991 – 1995 – يىللىرى ئارىسىدا داۋاملاشقان بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنالىقلارنىڭ مەۋجۇتلۇق كۈرىشى جەريانىدا ئون مىڭلارچە ئىنسان ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئۆي – ماكانلىرىدىن مەھرۇم قالغان، تۈرلۈك زۇلۇم ۋە قىيىن – قىستاققا دۇچار بولغانىدى. ئۇ يىللاردا رۇسىيە دۇنيا سىياسىتىدە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە رولىنى جارى قىلدۇرالمىغانىدى. شۇنداق بولسىمۇ، 1990 – يىللارنىڭ باشلىرىدا غەرب ئەللىرى بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا كىرىزىسىغا بىپەرۋا قاراش ۋە ئۇنى تاماشا قىلىش يولىنى تاللىغانىدى. ئەگەر ئۇلار قەتئىي پوزىتسىيە بىلدۈرگەن بولسا، بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادا تۆكۈلگەن قان ۋە دەپسەندە قىلىنغان ئىنسانلىق ئار – نومۇسى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاخىرلاشقان بولاتتى.

يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادىكىدىنمۇ ئېغىر بىر خىل بىپەرۋالىق ۋە سەل قاراش خاھىشى سۈرىيەدە كۆرۈلدى. نۆۋەتتىكى شەرقىي ھەلەبنىڭ ۋەزىيىتى غەربنىڭ سۈرىيە سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىنىڭ يەكۈنىدۇر. بىر كۆزەتكۈچىنىڭ ئېيتقىنىدەك،  ھازىر «شەرقىي ھەلەب غەرب بىپەرۋالىقىنىڭ پايتەختى» دۇر. رۇسىيەنىڭ ھامىيلىقى ئاستىدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرى ھەلەبنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئاخىرقى رايونلارغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. دۇنيا بولسا، ئالدىنى ئېلىشتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ھەربىي ۋە ئىنسانىي پالاكەتنىڭ چىقىمىنى ھېسابلاش بىلەن كۇپايىلىنىدىغاندەك قىلىدۇ.

غەربنىڭ سۈرىيە مەغلۇبىيىتى شۇنچىلىك گەۋدىلىك ۋە روشەنكى، پارلامېنتلىرىدىمۇ ئوچۇق – ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان ھالەتكە كەلدى. گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتدىكى سۈرىيە يىغىنى بۇنىڭ بىر ناماياندىسى. بۇ يىغىندا سۆز قىلغان گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى باشلىقى نوربېرت رۆتگېن، غەرب ئەللىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدە يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللارنى توختىتىشتا يېتەرسىز ۋە قابىلىيەتسىزلىكىنى كۆرسەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن چېكىنمىدى. ئۇ، غەرب ئەللىرىنىڭ ھەلەبتە يۈز بەرگەن ئىنسانلىق تىراگېدىيەسى ئالدىدىكى پوزىتسىيەسىگە بىر خىل ھوشسىزلىنىش ھالىتى، دەپ باھا بەردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، «ھەلەب، غەرب تاشقى سىياسىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى ئەڭ چوڭ پالاكىتىنىڭ سىمۋولى» ئىدى.

پۈتكۈل دۇنيا مۇشۇ كۈنلەردە تارىخنىڭ قارا سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالغۇدەك دەرىجىدىكى ئېغىر بىر پاجىئەگە گۇۋاھ بولماقتا. بۇ پاجىئەگە ئېلىپ بارغان يولنى رۇسىيەنىڭ 2015 – يىلى ئاپرېل ئېيىدا ھەربىي كۈچىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 2015 – يىلىنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىران، ئىراق ۋە لىۋانلىق شىئەلەردىن تەشكىل تاپقان ھىزبۇللاھتىن ياردەم ئالغان بولسىمۇ، قەرەلىنىڭ توشۇپ قالغانلىقى گەۋدىلەنگەنىدى. لېكىن، غەرب «ئەسەدسىز سۈرىيە» مەسىلىسىدە ئارىسالدىلىق ئىچىدە ئىدى. يەنە كېلىپ، دائېش ئامىلىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققان بولۇشى بولۇپمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى دائېشقا مەركەزلىشىشكە يېتەكلىدى. بۇ ئەھۋالغا رۇسىيە «بىر پۇرسەت» دەپ قاراپ، ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن مۇۋازىنەتسىز ھەربىي كۈچىنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى. رۇسىيە 2015 – يىلى ئاپرېلدىن بۇيان پۇقرا، دوختۇرخانا ۋە مەكتەپ، دەپ ئايرىپ ئولتۇرماستىن ناھايىتى قويۇق شەكىلدە بومباردىمان سەپەرۋەرلىكى قوزغىدى. نۆۋەتتە شىددەتلىك ھاۋا ھۇجۇملىرى بىلەن بىرگە شەرقىي ھەلەب سۇسىز قالماقتا، خەلق يېمەك – ئىچمەك قىيىنچىلىقى تارتماقتا. بۇ ھاۋا ھۇجۇملىرى بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان سۈرىيەنىڭ ئەڭ ئاھالىسى كۆپ شەھىرى بولغان ھەلەبنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايونلىرىغا قارىتىلماقتا.

2015 – يىلى ئاپرېل ئېيىدىن بۇيان قىلىنغان رۇسىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 2700 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى. 26 – نويابىردىن بۇيان ھەلەبتىن كەم دېگەندىمۇ 25 مىڭ كىشى چىقىپ كەتتى. ھەلەبتە يەنە 50 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بولۇشى مۇمكىن، دەپ مۆلچەرلەنمەكتە.

20 – يانۋارغىچە بولغان جەريانىدا شەرقىي ھەلەبنى ئۆكتىچى كۈچلەردىن تازىلاشنى پىلانلاۋاتقان رۇسىيە، ئامېرىكىدا يېڭى پىرېزىدېنت قەسەم قىلىدىغان چاغقىچە ئۆتۈش مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈرىدىغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دائىرىلىرىنىڭ موسكۋانىڭ تاشلايدىغان قەدەملىرى ئالدىدا ھەرىكەتسىز قالىدىغانلىقى مۆلچەرىگە ئاساسەن ھەرىكەت قىلماقتا. كۈتۈلمەيدىغان بولۇشىغا قارىماي، ترامپ دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ قېلىش ئېھتىمالىنىڭ بولۇشى، رۇسىيە رەھبەرلىرىنى تېخىمۇ كۆپ كۈچ ئىشلىتىشكە ئىتتىرمەكتە. شەرقىي ھەلەب قاتارلىق مۇمكىن بولغان ئەڭ كۆپ جاينىڭ ئۆكتىچىلەردىن خالىيلاشتۇرۇلۇشى يېڭى پىرېزىدېنتنى سۈرىيەدىكى يېڭى رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ، دەپ قارالماقتا.

سۈرىيەدە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر پۇقرالار قىرغىنچىلىقى يۈز بەردى. لېكىن، يۈز بەرگەن شۇنچە كۆپ تەسۋىرلىگۈسىز پاجىئەلەرگە قارىماي، شەرقىي ھەلەبتە دوختۇرلار ۋە ھەر خىل ئىجتىمائىي ئورگانلار ئازابلارنى تەسكىن تاپقۇزۇش ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە كۈچ چىقارماقتا. نۆۋەتتە سۈرىيەدە مىڭلارچە جانغا زامىن بولۇش بەدىلىگە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەر خىل زوراۋانلىقنى سادىر قىلىشقا بەل باغلىغانلارنى، بىر كۈنى ھەممە ئىش توختىغاندا، ئۇرۇش جىنايەتچىسى سۈپىتىدە تارىخنىڭ مەھكىمىلىرىدە سوتلاش كۈتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر