تۈركىيە تاشقى سىياسىتى يۆنىلىش ئۆزگەرتتىمۇ؟ | ئانالىز

15 - ئىيۇل ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىنكى تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىدە يۆنىلىش ئۆزگىرىشى يۈز بېرەمدۇ؟

557453
تۈركىيە تاشقى سىياسىتى يۆنىلىش ئۆزگەرتتىمۇ؟ | ئانالىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 15 – ئىيۇل كۈنى تۈرك خەلقى سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش غەرەزلىك ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتىنى جېنىنى پىدا قىلىش بەدىلىگە توسۇپ قالدى. بۇ ئىشنىڭ يالغۇز تۈركىيە ئىچكى سىياسىتى نۇقتىسىدىنلا ئەمەس، تاشقى سىياسىتى نۇقتىسىدىنمۇ ئىنتايىن مۇھىم نەتىجىلىرى بولدى؛ تاشقى دۇنيانىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى جەرياندا تۇتقان پوزىتسىيەسى تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە تەسىر كۆرسەتتى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتى جەريانىدا ئىسياننى ئەيىبلەش ۋە سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن ھۆكۈمەتنى قوللاش خاراكتېرلىك پوزىتسىيەلىرىنى نامايەن قىلىشى ئۇزۇن ۋاقىت ئالدى. بولۇپمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى نارازىلىقىنى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقى جەزملەشكەندىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويالىدى. ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىلغاندىن كېيىنمۇ ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى سىياسىي سەتچىلىك دېيىشكە بولىدىغان دەرىجىدە بىپەرۋالارچە پوزىتسىيەدە بولۇشتى. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارغا ۋە ئۇلارنى قوللىغۇچىلارغا قارشى يولغا قويغان مەمۇرىي ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئەيىبلەشتى. گويا ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان تۈرك مىللىتى ۋە ئۇنىڭ سايلانغان ھاكىمىيىتىگە قانۇنىي ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يۈزىسىدىن تەھدىت سالغاندەكلا بىر ئىش قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، يېقىنقى مەزگىللەردە تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە پات – پات يىرىكچىلىكلەر كۆرۈلگەن رۇسىيە ۋە ئىران، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ دەسلەپكى پەيتلىرىدىلا سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن ھۆكۈمەتنى قوللاپ بايانات بەردى. مەزكۇر ئىككى دۆلەتنىڭ تۈركىيەنى قوللىشىنى تۆۋەندىكى ئامىللارغا باغلاپ ئىزاھلاش مۇمكىن:

ئا) رۇسىيە بىلەن ئىران ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ بىۋاسىتە بولمىسىمۇ ئاسترىتتىن غەربلىكلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەن بولۇشى،

ب) رۇسىيەنىڭمۇ ئىراننىڭمۇ ئۇزۇندىن بۇيان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتلىرىگە قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر تەشكىلات، دەپ قاراپ كېلىۋاتقان بولۇشى،

س) ھەر ئىككى دۆلەتدە دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا مۇداخىلە قىلىنىۋاتىدۇ، دەپ قارىغان ۋەقەلەرگە قارىتا روشەن پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنىڭ رەسمىي سىياسەتكە ئايلانغانلىقى،

د) ئىنتايىن ئاچقۇچلۇق بىر ۋەزىيەتتە تۈركىيەنىڭ يېنىدا تۇرۇشنىڭ كىرىزىستىن كېيىنكى مەزگىللەردە بىر گىئوپولىتىكىلىق مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلىگەن بولۇشى،

ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىلغاندىن كېيىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۇنجى بولۇپ رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. ھۆكۈمەت سەۋىيەسىدە ئىران تۈركىيەدە تۇنجى رەسمىي زىيارەتتە بولدى. بۇ زىيارەتلەرنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ۋە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى تۈرك مېدىياسىنىڭ غەربكە قاراتقان تەنقىدلىرىدىن كېيىنكى ۋاقىتقا توغرا كېلىشى، تۈركىيەنىڭ غەرب فىرونتىدىن يىراقلىشىپ، رۇسىيە ۋە ئىران بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ – تۈزمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى دەتالاشلارنىڭ پىلتىسىگە ئوت ياقتى. ھەتتا، بىر قىسىم غەربلىك ئانالىزچىلار، تۈركىيەنىڭ بىر ياۋرو-ئاسىيا ئىتتىپاقىغا يۈزلەنگەنلىكىنى ۋە تاشقى سىياسىتىدە يۆنىلىش ئېغىشى كۆرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى.

ئەمەلىي ئەھۋال راستىنلا مۇشۇنداقمۇ؟

شۇنى بىلىمىزكى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى 14 يىللىق ھاكىمىيەت سۈرۈش جەريانى بويىچە ئىزچىل ھالدا غەرب ئىتتىپاقى ئىچىدە قېلىش شەرتى بىلەن كۆپ قاتلاملىق تاشقى سىياسەت يۈرگۈزۈشكە تىرىشتى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، دۆلەت مەنپەئەتلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى پەقەت غەرب ئىتتىپاقى سىستېمىسى پەنجىرىسىدىن قاراپ كۆرۈشكە تىرىشمىدى. بۇ مەنىدە، رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن ئىزچىل ھالدا مۇناسىۋەتلىرىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ كويىغا كىردى. ئەينى ۋاقىتتا، تارىخىي رىشتىسى بار، دەپ قاراۋاتقان ئوتتۇرا شەرق رايونىغا بۇرۇنقى ھۆكۈمەتلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلدى. ئافرىقىغا ئېچىۋېتىش سىياسىتىمۇ بۇ سىياسەتلەرنىڭ داۋامى ئىدى.

تۈركىيەنىڭ رۇسىيە ۋە ئىران بىلەن مۇھىم مەنپەئەت توقۇنۇشلىرى سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ باش كۆتۈرۈشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى. ئەمما بۇ ئەھۋال تۈركىيەنى يېڭى رايون خاراكتېرلىك ئىتتىپاقنى ئىزدەشكە ئىتتىرىش بىلەن بىرگە ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى نۆلگە چۈشۈرۈپ قويغۇدەك دەرىجىگە بېرىپ يەتمىدى. رۇسىيە بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلەر ئايروپىلان چۈشۈرۈۋېتىش كىرىزىسى يۈز بەرمىگەن بولسا ئىدى،  سۈرىيە مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدە پىكىر ئوخشىماسلىقلىرىغا قارىماي يەنىلا ئوتتۇراھال داۋاملاشقان بولاتتى.

نېمىلا بولمىسۇن، ھەر ئىككى دۆلەت بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئۇنى گۈللەندۈرۈش يولىدىكى قەدەملەر ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتىدىن بۇرۇنلا تاشلانغانىدى. 2016 – يىلى 5 – مارتتا ئۆز دەۋرىنىڭ باش مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ ئىراندا مۇھىم بىر زىيارەتتە بولدى. بۇ زىيارەت، چېكىنىپ كەتكەن سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلاتتى. بۇ زىيارەت جەريانىدا، سۈرىيە ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىدا رايون دۆلەتلىرىنىڭ ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئېلىشى كېرەكلىكى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى. 2016 – يىلى ئاپرېلدا ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدىن كېيىن، ئەنقەرەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. شۇنىڭدەك، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىفنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىنكى تۈركىيە زىيارىتى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە، بۇ يىل ئىچىدىكى باشقا ئۆزگىرىشلەردىن ئايرىم ھالدا مۇلاھىزە قىلىنىشى كېرەك بولغان بىر زىيارەت ھېسابلىنىدۇ.

رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى مەسىلىسىدىمۇ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئىيۇن ئېيىدىكى تىرىشچانلىقىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلدى. رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئەردوغان ئارىسىدا 9- ئاۋغۇستتا ست.پېتېسبۇرگدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىش، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتىدىن ئىلگىرىلا قارار قىلىنغانىدى.

ئەمما، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتى مۇساپىسىدە غەرب ئەللىرىگە نىسبەتەن ئىران بىلەن رۇسىيەنىڭ خېلىلا پەرقلىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى، ناھايىتى روشەنكى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشتى. بۇ ئىشنىڭ تاشقى سىياسەتكىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى مۇقەررەردۇر. تۈركىيەنىڭ غەرب ئىتتىپاقى سىستېمىسىدىن ئايرىلىپ چىقىش ئارزۇسىنىڭ يوقلۇقىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشارەتلىرىنىڭ بىرى، تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ نورماللىشىشىنى مەزمۇن قىلغان خەلقئارالىق كېلىشىم لايىھەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا 16 – ئاۋغۇستتا قوبۇل قىلىنىشىدۇر.

بۇنىڭدىن باشقا جۇمھۇر رەئىسلىك دائىرىلىرى ھەم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، تۈركىيەنىڭ غەرب ئىتتىپاقى سىستېمىسىدىن ئايرىلىپ چىقىشتەك بىر نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇشتى. تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قاراتقان ئەيىبلەشلىرىنىڭ سەۋەبى، تاشقى سىياسەتتە يېڭى بىر يۆنىلىش ئىزدەش ئەمەس، بۇ دۆلەتلەرنى ئۆزلىرى دەۋا قىلىۋاتقان قىممەت – قاراشلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا چاقىرىشتۇر. مەنپەئەتلىرىگە زىت بولۇپ قالغاندا نەزەردىن ساقىت قىلغان، ئەمما، نەزەردىن ساقىت قىلغان ئەسنادىمۇ بىر ۋاسىتە سۈپىتىدە پايدىلىنىشتىن ئۆزىنى تارتمايۋاتقان دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك دېگەندەك پىرىنسىپلارنى غەرب ئەللىرىنىڭ ئېسىگە سېلىپ قويۇشتۇر. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا بۇ، ئۇلارنى ئېغىزدىلا ئەمەس، ئەمەلىيەتتە دېموكرات بولۇشقا چاقىرىشتۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر