24.05.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2143637
24.05.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خابەرتۈرك» گېزىتى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ تۈنۈگۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قوشنىدارچىلىق ۋە كېڭىيىش ئىشلىرىغا مەسئۇل كومىسسارى ئولىۋېر ۋارخېلى بىلەن ئۆتكۈزگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىق مۇساپىسى توغرىسىدا توختىلىپ: «تۈركىيە پەقەت ياۋروپا ئىتتىپاقىغىلا ئەمەس، بەلكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەتراپىدىكى بارلىق ئىتتىپاقلارغا كۈچ قوشىدۇ. بىز ھەر دائىم ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز» دېگەنلىكىنى يازدى.

«ھۈررىيەت» گېزىتى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قوشنىدارچىلىق ۋە كېڭىيىش ئىشلىرىغا مەسئۇل كومىسسارى ئولىۋېر ۋارخېلىنىڭ تۈنۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەدە مىنىستىر فىدان بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى يازدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ۋارخېلى تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سودىنىڭ رېكورتنى بۇزغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ئۆتكەن يىلى بىز سودا مىقدارى جەھەتتە رېكورت ياراتتۇق؛ سودا مىقدارىمىز 200 مىليارد ياۋرودىن ئېشىپ كەتتى» دېگەن.

«ۋەتەن» گېزىتى: تۈركىيەنىڭ ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسىنىڭ تىك ئۇچارى چۈشۈپ كەتكەن جاينى تېپىشىنىڭ شىۋېيتسارىيەنىڭ مەتبۇئاتلىرىدا غۇلغۇلا قوزغىغانلىقىنى يازدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، شىۋىيېتسارىيەنىڭ «Neue Zürcher Zeitung» گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە: «تۈركىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى ئىكەنلىكىنى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەرگەن.

«ساباھ» گېزىتى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپارسلان بايراقتارنىڭ تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىزدىكى بۇرغىلاش پائالىيىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، مىنىستىر بايراقتار ئۆزلىرىنىڭ يېڭى بايقاشلارغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىپ: «فاتىھ بۇرغىلاش پاراخوتىمىز ساكارىيا تەبىئىي گازلىقىدىكى گۆكتەپە-2 ناملىق قۇدۇقتا بۇرغىلاش مەشغۇلاتىنى باشلىدى» دېگەن.

«ستار» گېزىتى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت ئەرسوينىڭ تۈركىيەنىڭ گاسترونومىيە ساياھىتى توغرىسىدا توختىلىپ: «تۈرك تائاملىرى ھەم تەم ھەم چوڭقۇرلۇققا ئىگە بىر خەزىنە. نەچچە ئەسىرلىك ئۇچۇر ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنىڭ مەھسۇلى بولغان ئېسىل تائاملىرىمىز، تارىخىي مۇساپىدە كۆپ خىللىشىپ، ئۆزگىچە تەملىرى بىلەن بۈگۈنگە قەدەر ساقلىنىپ كەلدى. بۇ ئۆزگىچە خەزىنىنى ئۆزىگە لايىق شەكىلدە تونۇشتۇرۇش بىزنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىشىمىز» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر