02.04.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2123470
02.04.2024

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، «سايلىغۇچىلاردىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىگە ئۇچۇر» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، 31 - مارتتىكى يەرلىك سايلاملاردا ھەيران قالارلىق نەتىجىلەرنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى يازدى.

خەۋەردە، «2002 - يىلدىن بۇيانقى بارلىق سايلاملاردا غەلىبە قىلىپ كېلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى تۇنجى قېتىم ئۇتۇققا ئېرىشەلمىدى. بۇنىڭغا تۇرمۇش خىراجىتىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى ۋە پىنسىيەگە چىققانلارنىڭ مائاش ئۆستۈرىلىشىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى تەسىر كۆرسەتتى. سايلىغۇچىلارنىڭ بىر قىسمى ساندۇققا بېلەت تاشلاش ئۈچۈن بارمىدى» دېيىلدى

«ۋەتەن گېزىتى»، «مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز: <پۇل پاخاللىقىغا قارشى كۈرەش ئەڭ ئاساسلىق ئىشىمىز> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز: «بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن ئېتىبارەن پۇل پاخاللىقىغا قارشى كۈرىشىمىزنىڭ نەتىجىسىنى ئېنىق كۆرۈشكە باشلايمىز. شۇنىڭ بىلەن مائاشلارغا قوشۇپ بېرىلگەن ئۆسۈشىلەرنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئېرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، ئۇزۇن مۇددەتلىك پاراۋانلىقنى ئىشقا ئاشۇرىمىز» دېدى.

«ساباھ گېزىتى»، «تۈركىيەگە مەبلەغ كېرىش باشلىنىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئامېرىكا مەبلەغ سېلىش بانكىسى <Goldman Sachs> نىڭ ئىقتىسادشۇناسلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى يەرلىك سايلاملاردىن كېيىن تۈرك لىراسىغا باھا بېرىپ، «سايلام تۈگەپ مەبلەغ ئېقىمىنىڭ ئېشىشىشغا ئەگىشىپ تۈركىيە لىراسىنىڭ يېقىنقى ئايلارغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ياخشىلىنىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتىمىز» دېگەنلىكىنى يازدى.

«ستار گېزىتى»، ئىستانبۇل پايچىك بازىرىدا <BIST 100> كۆرسەتكۈچىنىڭ مارتتا %0.56 تۆۋەنلەپ 9142.40 نۇمۇر بىلەن تاماملانغانلىقىنى، بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسىلدە قىممىتىنىڭ 22.39% ئۆرلەپ، دۇنيا پاي بازىرىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، «تۈركىيە شىفا دوختۇرخانىسىدىكى كۆرۈنۈشلەر ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى غەززەدىكى شىفا دوختۇرخانىسىدا تارتىلغان كۆرتۈنۈشلەر ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «شىفا دوختۇرخانىسىدىكى كۆرۈنۈشلەر ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىنى قەستەن ۋە سىستېمىلىق ھالدا يوقىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر. ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى يېقىنقى ئالتە ئاي ئىچىدە سادىر قىلغان جىنايەتلەر ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ ۋەھشىيلىكلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. بۇ جىنايەتلەرنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى سوتلىنىدۇ. بۇ جىنايەتلەرگە كۆز يۇمغانلارنىڭ ئىسملىرى تارىخقا چۈشكەن قارا داغ بولۇپ قالىدۇ» دېيىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر