29.03.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2121893
29.03.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ۋەتەن» گېزىتى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يېقىنقى بىر ھەپتىدە ئىراق ۋە سۇرىيەنىڭ شىمالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلاردا 38 تېرورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىلى 1-يانۋاردىن بۇيان 268 نەپىرى ئىراقنىڭ، 378ى سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بولۇپ، جەمئىي 646 گە يەتكەن.

«ساباھ» گېزىتى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىدارىسى بىلەن فوندى جەمئىيەتلىرى باش ئىدارىسى ھەمكارلىشىپ تەييارلىغان 8-ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پاراخوتىنىڭ 2960 توننا ياردەم ئەشياسىنى ئېلىپ مەرسىن پورتىدىن غەززەگە قاراپ يولغا چىققانلىقىنى يازدى.

«ھۈررىيەت» گېزىتى: قورال ۋە ئوق-دورا ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان تۈركىيەنىڭ، ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ زەمبىرەك ئوقى ئېكىسپورتچىسى بولغانلىقىنى؛ ئامېرىكانىڭ ئارمىيەسى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان مىڭلارچە 155 مىللىمېتىرلىق زەمبىرەك ئوقىنى تۈركىيەدىن سېتىۋېلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى: ئەنقەرە بىلكەنت شەھەر دوختۇرخانىسى بىيو-خىمىيە تەجرىبىخانىسى كوردىناتورى پىروفېسسور دوكتور ئۆزجان ئەرەل ئىجاد قىلغان بەدەندىكى خىمىيەلىك بېسىمنى ئۆلچەيدىغان يەرلىك تەكشۈرۈش قورالىنىڭ دۇنيادىكى 20 نەچچە دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىنىۋاتقانلىقىنى يازدى.

«خابەرتۈرك» گېزىتى: خىتاي ئىقتىساد سۇپىسى «Hurun Report»نىڭ «يەرشارى بايلار تىزىملىكى» سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ مىلياردېرلارنىڭ نىيۇيورك ۋە لوندوندا ياشايدىغانلىقى، تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ بولسا، بۇ جەھەتتە دۇنيا بويىچە 25-، ياۋروپا بويىچە 5- ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر