13.03.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2114775
13.03.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ستار گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باش ئەلچىلەرگە بېرىلگەن ئىپتار زىياپىتىدە، «بىزنى قاتىلنى قاتىل دېيىشتىن توسىيالمايدۇ. ئىسىرائىلىيە مەسئۇللىرى ئىسىرائىلىيە مەسئۇللىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ھەقىقىتىنى يوشۇرۇشنىڭ ئورنىغا، غەززەدە جېنىدىن ئايرىلغان بوۋاقلارنىڭ ھېسابىنى بەرسۇن» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى شىمالىي ئىراقتا «پەنچە قۇلۇب» ھەربىي ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئىراق مەسئۇللىرى بىلەن مۇھىم يىغىننىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، يىغىندا تۈركىيە-ئىراق چېگرا لىنيەسىنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

«ساباھ گېزىتى»، خەلقئارا كرىدېت دەرىجىگە ئايرىش ئورگىنى «Fitch Ratings» نىڭ پېشقەدەم دىرېكتورى ۋە تۈركىيە ئانالىزچىسى ئېرىك ئارىسپې مورالېس (Erich Arispe Morales) نىڭ، تۈركىيەنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادى سىياسەت يۆنىلىشىنىڭ تېخىمۇ چىدامچان ئىكەنلىكىگە ۋە سىياسەتلەرنىڭ سىجىللىقىغا بولغان ئىشەنچلىرىنىڭ ئاشقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، 2003-يىلى ياۋروپا ناخشا ئېيىتىش مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولغان سەربات ئەرەنەرنىڭ 2024-يىللىق ياۋروپا ناخشا ئېيىتش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بىلدۈرۈلىشىچە، سەربات ئەرەنەر شىۋېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقە ئۈچۈن تەكلىپنامە تاپشۇرۇۋالغان.


خەتكۈچ: #ۋەتەن , #ستار

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر