06.03.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2111629
06.03.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ساباھ گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن (5-مارت) پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇت ئابباس بىلەن بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىسىرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «نېتانياھۇ ۋە جىنايەت شېرىكلىرى تۆككەن ھەر بىر تامچە قاننىڭ ھېسابىنى قانۇن ۋە تاڭلا مەھشەر كۈنىدە بېرىدۇ» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ 7-مارت (2024) ئامېرىكادا ئۆتكۈزۈلىدىغان 7-نۆۋەتلىك ئامېرىكا-تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك مېخانىزم يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، يىغىن كۈنتەرتىپىدە تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىن ئىقتىسادتا ھەمكارلىشىشقىچە بولغان نۇرغۇن تېمىلارنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ستار گېزىتى»، تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى بىلەن ئىستانبۇل ساقچى ئىدارىسىنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش شۆبىسنىڭ بىرلىكتە ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىدە، ئىسىرائىلىيە ئىستىخباراتى موسساد (MOSSAD) ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغان يەتتە گۇماندارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، ساياھەت شەھىرى ئانتالياغا بۇ يىل (2024) نىڭ دەسلەپكى ئىككى ئېيىدا كەلگەن چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر سانىنىڭ ئۆتكەن يىل (2023) نىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرۇلغاندا %10.82 ئېشىپ 499 مىڭ 784 كە يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»،  شەرقىي قارا دېڭىزدىن يانۋار ۋە فېۋرال ئايلىرىدا قىلىنغان «تۈرك سومۇن» بېلىقى ئېكىسپورتىنىڭ %24 ئېشىپ 19 مىليون 45 مىڭ 787 دوللارغا يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر