21.02.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2105340
21.02.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەر تۈرك گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئالبانىيە باش مىنىستىرى راما بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، «ئالبانىيە ب د ت دىكى پەلەستىن ئۈچۈن ئاۋاز تاشلاشتا، تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇردى» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە يەنە، ئالبانىيە باش مىنىستىرى رامانىڭ تۈركىيەنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئالبانىيەنى قوللىغانلىقىنى، بۇلاردىن مىننەتدار ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، ئالبانىيە باش مىنىستىرى رامانىڭ، «غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ۋاقتى ئاللىقاچان يېتىپ كەلدى. ئەسىرلەر قويۇپ بېرىلىشى كېرەك. تۈركىيە ئەتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينىيالايدىغان دۆلەت» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، تۇساش (تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى شىركىتى) موتور سانائىتى باش مۇدىرى مەھمۇت فارۇق ئاكشىتنىڭ، رەقىپلىرىگە سېلىشتۇرغاندا يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۇچقۇ موتورلىرىنى ياسىغانلىقلىرىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، باش مۇدىر مەھمۇت فارۇق ئاقشىتنىڭ، «دۇنيادا رەقىپلىرىمىز كۆپ، ئەمما بىز ياسىغان موتۇرلار ناھايىتى كۈچلۈك ۋە ياخشى. شۇڭا، چەت ئەللەردىن كۆپ تەلەپ بار» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، ئامېرىكا كونگرەسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكادا ياشايدىغان بىر تۈركىيە پۇقراسىنى، ياشاۋاتقان ئىشتاتتا خەلق ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى سەۋەبىدىن مۇكاپاتلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، تۈركىيەلىك ھۈسەيىن بايرامنىڭ ئامېرىكادا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۈركىيە يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ تونىتىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.          



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر