15.02.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2102688
15.02.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ۋەتەن گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن (14-فېۋرال) ئارىدىن 12 يىل ئۆتكەندىن كېيىن مىسىرنى زىيارەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ مىسىر پىرېزىدېنتى سىسى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، «سودا ئومۇمىي سوممىمىزنى 15 مىليارد دوللارغا چىقىرىمىز» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە، مىسىر پىرېزىدېنتى سىسىنىڭ تۈركىيەنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيەدە جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100-يىلىدا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانىنىڭ 32 مىليون 56 مىڭغا يېتىپ، رېكورت يارىتىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، 2023-يىلنىڭ ئاخىرقى ئېيىدا ئەمەلگە ئاشقان ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ %48.8 بولۇپ، يېقىنقى 19 يىلنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئۆنجۈ كەچەلىنىڭ شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى ۋە «F-16» ئايروپىلانى بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكا-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، باياناتچى ئۆنجۈ كەچەلىنىڭ، «مۇناسىۋەتلەرنىڭ چوڭقۇرلىقىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. بىز ئامېرىكادىن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشىنى كۈتىمىز» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ساباھ گېزىتى»، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى نۇرى ئەرسوينىڭ  «60 مىليون ساياھەتچى ۋە 60 مىليارد دوللار كىرىم» نىشان قىلىنغان بۇ يېڭى يىلدا، ئالدىن تىزىملىتىش ۋە ساياھەتچىلەر سانىنىڭ ياخشى ھالدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ:  «2024-يىللىق نىشانىمىزغا ناھايىتى ئاسان يېتەلەيمىز دەپ ئويلايمەن» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.   


خەتكۈچ: #ۋەتەن , #ساباھ

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر