22.01.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2091682
22.01.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيەلىك ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋجىنىڭ خەلقئارا ئالەم پونكىتىدا 14 كۈن بويىچە ئوخشىمغان 13 تېمىدا ئىلمىي تەجرىبە قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، بۇ تەجرىبىلەرنىڭ مىكرو يەر تارتىش كۈچى، ئالەم مۇھىتىدا ئادەمنىڭ سالامەتلىكى، تۇز كۆلى ئۆسۈملۈكىنىڭ ئالەمدە تەتقىق قىلىنىشى، قاتتىق ۋە سۇيۇق ماددا ئارىلاشمىلىرىنى يەر تارتىش كۈچى بولمىغان ئەھۋالدا تەتقىق قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

«ساباھ گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ ئالەم سەپىرىنىڭ ياشلارغا ئىلھام بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، يېقىنقى بىر ھەپتىدە ئىنتېرنېتتا ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى، مايكىلىرى ۋە ماسكىلىرىنىڭ كۆپلەپ سېتىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

«ستار گېزىتى»، ئالەمگە تۇنجى ئۇچقۇچىسىنى ئەۋەتكەن تۈركىيەنىڭ كېيىنكى قەدىمىنىڭ «ئاي پىلان-لايىھەسى» بولىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، تۈركىيەنىڭ 2026-يىلى ئايغا تۇنجى ئالەم ئاپپاراتىنى ئەۋەتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، سىۋاس جۇمھۇرىيەت ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور بىرنۇر ئاككايانىڭ راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن باشلىغان تەتقىقاتلىرىدا نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، پىروفېسسور دوكتور بىرنۇر ئاككايانىڭ راك ۋە يامان سۈپەتلىك ھۈجەيرىلىرىنىڭ تومۇردا ئۆسۈپ، تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورىنىڭ پاتېنتىغا ئېرىشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر