17.01.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2089746
17.01.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەر تۈرك گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، « كېيىنكى ئايلاردا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە كىمنىڭ نېمە دېيىشىدىن، قانداق تەھدىتلەرنى سېلىشىدىن قەتئىينەزەر، چوقۇم يېڭى قەدەملەرنى باسىمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) ئومۇمىي كېڭىشىدە «تېررورلۇققا قارشى خىتابنامە» تېمىلىق قارارنامەنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قارارنامەدە، «پۈتكۈل دۇنيا شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئەڭ ئاخىرقى بىر تېررورىست يوقىتىلغىچە، تېررورلۇق يىلتىزىدىن قۇرۇتۇلغىچە ۋە تېرررولۇقنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى بارلىق ياردەملەر يوق قىلىنغىچە كۈرىشىمىز قەتئىيلىك بىلەن داۋاملىشىدۇ» دېيىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەرنىڭ، «كىمنىڭ قوللىشىدىن، قانداق باھانە ۋە قانداق سەۋەب بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جەنۇبتىكى چېگرالىرىمىزنى بويلاپ (سۈرىيەنىڭ شىمالىدا) تېررورلۇق كارىدورىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت قىلمايمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭمۇ، «تېررورلۇققا قارشى دىپلوماتىيە سىياسىتىمىزنى، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ نۇرغۇن دۆلەتتە سىياسىي قوللىرىنىڭ بارلىقىنى بىلگەن ھالدا يۈرگۈزۈۋاتىمىز» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 2024-يىلى 18-يانۋار ئەنقەرە ۋاقتى 1 دىن 11 ئۆتكەندە ئالەمگە سەپەر قىلىدىغان تۈركىيەلىك ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋجى بىلەن سىنلىق كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئېكس (X) ئادرېسىدا ھەمبەھرلىگەن ئۇچۇرىدا، «ئالەمگە سەپەر قىلىدىغان تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىمىز، ئىقتىسادى ئاشقان، كۈچلەنگەن ۋە غايىگە ئىگە تۈركىيەنىڭ يېڭى نىشانىسى» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر