15.01.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2088681
15.01.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەر تۈرك گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەمىرى مۇھەممىد بىن زايىد ئەلناھيان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئەلناھياننىڭ تۈركىيە ئەسكەرلىرىگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمى سەۋەبىدىن سەۋر تىلەكلىرىنى ئەردوغانغا يەتكۈزگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ستار گېزىتى»، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېررورلۇق نۇقتىلىرىنىڭ ھاۋادىن بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، بومباردىماندا تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كاتتىباشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 24 نىشاننىڭ بىتچىت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى تېررورلۇق نىشانلىرىنى بىتچىت قىلغان ھاۋا بومباردىمانلىرىنىڭ دۇنيا تاراتقۇلىرىدىن كەڭ ئورۇن ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، گىرېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نىكوس دېندىياسنىڭ تارىخىي ئېتىراپتا بولۇپ، تۈركىيەنىڭ دۆلىتىدىن خېلىلا ئالدىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر