09.05.2023

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇىھم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1984242
09.05.2023

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ۋەتەن گېزىتى»، مەركىزى ھىندىستانغا جايلاشقان «بىرىنچى پوچتا خەۋەرلەر تو بېتى» (First Post)، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رايون ۋە دۇنيا خاراكتېرلىك تېمىلاردىكى رولىنى مۇھاكىمە قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئاشلىق كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتا ئوينىغان رولى ئۈستىدە توختالغاندا، «ئەردوغان ئۇكرائىنانىڭ ئاشلىق ئېكسپورتىنى قايتىدىن باشلاش مەقسىتىدە تۈزۈلىدىغان كېلىشىمگە مۇرەسسەچىلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن خەلقئارادا تەقدىرلەشكە ئېرىشتى» دېيىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيەنىڭ 21 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن كىرىمىنى ئۇل-ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىغا سەرپ قىلىنغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە،  رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيەنىڭ زامانىۋى دۇنيادا ئوخشىمىغان نۇقتىلارغا يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، گاباردا بايقالغان نېفىتتىن قىلىنىدىغان كىرىمدىن پايدىلىنىپ «ئائىلە ۋە ياشلىق بانكاسى» قۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىندى.

«ساباھ گېزىتى»، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەزنىڭ ھىدرو كاربون ئىزدەش ۋە تەتقىقاتلىرى مەسىلىسى بويىچە دۇنيادىكى چوڭ فلوتقا ئىگە ئاز ساندىكى دۆلەتلەردىن بىرىنىڭ تۈركىيە ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، فاتىھ دۆنمەزنىڭ قارادېڭىزدا يېڭى تەبىئىي گاز زاپىسى تاپالايدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

«ستار گېزىتى»، ياپونىيە كوبى ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى پىروفېسسورى چارلىز يۇجى خورىيوكانىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) دىن كېيىن ئەسلىگە كېلىش كۆرۈلۈۋاتقان بولسىمۇ، يۇقىرى پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، پىروفېسسور چارلىز يۇجى خورىيوكانىڭ، «تۈركىيە ئىقتىسادىي مودېلىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئېقتىسادىي ئېشىش ۋە ئېكسپورت قارتارلىق تېمىلارنى تەكىتلەشتە ياخشى مودېل دەپ ئويلايمەن» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر