28.04.2023

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1980467
28.04.2023

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت» گېزىتى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن ئاققويۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تۇنجى يادرو يېقىلغۇسى يەتكۈزۈش سىخىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا سىن كۆرۈنۈشلۈك ئىشتىراك قىلىپ، تۈركىيەنىڭ يادرو ئېنېرگىيەسى دۆلەتلىرى بىرلەشمىسىگە ئۆرلىگەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

«ساباھ» گېزىتى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ تۈنۈگۈن  ئۆتكۈزۈلگەن ئاققويۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تۇنجى يادرو يېقىلغۇسىنى يەتكۈزۈش سىخىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئەرزان ئېنېرگىيەلەرنىڭ بىرى بولغان يادرو ئېنېرگىيەسىگە ئىگە بىر دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى.

«ۋەتەن» گېزىتى: ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىق مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەزنىڭ تۈنۈگۈن مەرسىندە ئۆتكۈزۈلگەن ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتېر ئىستانسىسىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىدىن كېيىن بايانات بېرىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى يادرو ئېلېكتېر ئىستانسىلىرىنىڭ سىنوپ ۋە تراكيادا قۇرۇلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار» گېزىتى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارنىڭ تۈنۈگۈن سۆز قىلىپ، ئەنقەرەنىڭ تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى قانۇن دائىرىسىدە ھەل قىلىش قارىشىنىڭ سەمىمىي ۋە ئەستايىدىل ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئەگە دېڭىزى <دوستلۇق ۋە تىنچلىق دېڭىزى بولسۇن> بايلىقلار ئادىل تەقسىملەنسۇن» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى (THY)نىڭ ئەلا مۇلازىمەتلىرى ىبلەن دۇنيادىكى ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى بىرى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان <ئاۋىياتسىيە يولۇچىلار تەجرىبىسى جەمئىيىتى>نىڭ ياۋروپانىڭ «ئەڭ ياخشى كۆڭۈل ئېچىش» ۋە ياۋروپانىڭ «ئەڭ ياخشى يېمەكلىك ۋە ئىچىملىك» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر