30.01.2023

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1939432
30.01.2023

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى ئۈستىدە توختالغاندا، « فىنلاندىيە توغرىسىدا ئوخشىمغان سىگنال بەرگەن ۋاقتىمىزدا، شىۋېتسىيە ھەيران قالىدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، ئىتالىيەدىكى دىجىتال مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىدىغان بىر ۋەخپەنىڭ تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ئەڭ كۆپ ئەگەشكۈچىسى بولغان رەھبەرلەر ئارىسىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ئەڭ كۆپ ئەگەشكۈچىسى بولغا رەھبەرلەر ئارىسىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلودىمىر زېلېنسكىي بار ئىكەن.

«ساباھ گېزىتى»، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارنىڭ تۈركىيەنىڭ رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، خۇلۇسى ئاقارنىڭ، «چېگرالىرىمىزنى قوغداش، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، ئەزەربەيجانلىق قېرىشلىرىمىز ۋە لىۋىيەلىك قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا سومالى، سۇدان، كوسوۋۇ، بوسنىيەدە مىڭلارچە ئەسكەرلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، ئۇكرائىنانىڭ «1+1» تېلېۋىزىيەسىدە «2 ت ب-بايراكتار» ئۇچقۇلىرى ھەققىدە ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ ئۆتكەن يىلى (2022) 160 دۆلەتكە 967 مىليون دوللار قىممىتىدە 1.3 مىليون توننا تەييار چۆپ ئېكسپورت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، بۇ يىل (2023)  تەييار چۆپ ئېكسپورتىنى 1.5 مىليون تونناغا چىقىرىشنىڭ نىشان قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ: #ساباھ , #ۋەتەن

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر