27.12.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلانغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1924111
27.12.2022

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت گېزىتى»، فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا ئۈچ كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ھۇجۇمدىن كېيىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە، پ ك ك قوللىغۇچىلىرىنىڭ نۇرغۇن ئاپتوموبىللارنى ئۆرۈپ، ئوت قويۇپ بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2019-يىلى تېررورلۇقنى قوللىغان دۆلەتلەرگە قارىتىپ، «خاتا قىلىۋاتىسلەر، بۈگۈن سىلەر باققان تېررورلۇق يىلانى، ئاخىرىدا چۆرگىلەپ كېلىپ ئۆزەڭلارنى چاقىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

«ساباھ گېزىتى»، فىرانسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خېرۋى ماەرونىڭ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، فىرانسىيە باش ئەلچىسىگە، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|پ ي د|ي پ گ قوللىغۇچىلىرىنىڭ تۈركىيەگە قارشى باشلىغان تەتۈر تەشۋىقاتى ۋە فىرانسيە ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى بىلەن بەزى سىياسەتچىلەرنىڭ بۇ تەتۈر تەشۋىقاتقا ئويۇنچۇق بولۇپ بەرگەنلىكىدىن پەيدا بولغان بىئاراملىقلار يەتكۈزۈلگەن.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ 100 دىن ئارتۇق شىركىتىنىڭ مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي مۇناسىۋەتلەر پەيدا قىلغان ئىجابىي مۇھىتنىڭ، ئۆزئارا مەبلەغ سېلىش ۋە سودا ساھەلىرىگىمۇ تەسىر قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

خەۋەردە، سەئۇدى ئەرەبىستان مەبلەغ سېلىش ئىشلىرى مىنىستىرى ىالىد بىن ئابدۇلئەزىز ئال فالىھنىڭ 2030-يىللىق پىلان دائىرىسىدە، تۈركىيەگە 3.3 تىرىلىيون دوللارلىق بىۋاستە مەبلەغ سېلىشنى نىشان قىلغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر