19.07.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1856695
19.07.2022

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈنكى (18-ئىيۇل) كابېنت يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى توغرىسىدا: «شەرتلىرىمىزنى ئورۇنداش ئۈچۈن زۆرۈر قەدەملەر تاشلانمىغان ئەھۋالدا مۇساپىنى توختىتىدىغانلىقىمىزنى خاتىرىلىتىشنى خالايمەن» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكارنىڭ، «ئاشلىق ۋە يېمەك-ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش ئۈچۈن تۈزۈلگەن پىرىنسىپلار ئۈستىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىندى. بۇنى كونكرېت ئىجرا پىلانىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانىلىق كۆرسىتىۋاتىمىز. مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يىغىن ئېچىلىشى مۇمكىن» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار گېزىتى»، نورۋېگىيەدە ئۇكرائىناغا ياردەم قىلىش مەقسىتىدە «2 ت ب- بايراكتار» سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئىنانە توپلاش سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، پائالىيەت رامكىسىدا 55 مىليون كرون (تەخمىنەن 5.5 مىليون دوللار) توپلاپ، ئۇكرائىنانىڭ ئوسلودىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ياردەم فوندىغا ئەۋەتىشنىڭ پىلان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ساباھ گېزىتى»، ئىستانبۇل سابىھا گۆكچەن ئايرودۇرۇمىنىڭ 17-ئىيۇل (2022) 582 ئايروپىلان سەپىرى ۋە 100 مىڭدىن ئاشقان يولۇچى سانى بىلەن، 2022-يىلدىكى ئەڭ ئاۋات كۈنىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، يەرلىك ئاپتوموبىل توگنىڭ بۇرسا گەملىكتىكى فابرىكاسىدا ئۆتكەن ئىككى يىل بويىچە نېمىلەرنىڭ قىلىنغانلىقى توغرىسىدا تاراتقۇلاردا خەۋەرلەر تارقالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، توگ ئاپتوموبىلىنىڭ سىناق ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن تەتۈر ساناشنىڭ باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر