02.06.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1836551
02.06.2022

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سۈرىيەدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا توختالغاندا: «جەنۇبىي چېگرالىرىمىزنى بويلاپ سۈرىيە ئىچىگە 30 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا بىخەتەر رايون قۇرۇش ئىرادىمىزدە يېڭى سەھىپە ئاچىمىز. تېل رىفات بىلەن مۈنبىچنى تېررورىستلاردىن تازىلايمىز، ئارقىدىن قەدەممۇ قەدەم باشقا رايونلارنىمۇ تازىلايمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، خىتايدا چىقىدىغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» دە، فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىغا تۈركىيەنىڭ قارشى چىققانلىقى توغرسىدا خەۋەر ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە، فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىشنىڭ، تۈركىيەنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ماگدالېنانىڭ دۆلىتىنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى ئۈستىدە توختالغاندا: «تۈركىيە بىلەن دىيالوگ داۋاملىشىدۇ. تۈركىيەنىڭ تەلەپلىرىگە بىۋاستە جاۋاب بېرىمىز. ئوتتۇرىدىكى خاتا چۈشەنچىلەرنى تۈزىتىمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر ەقىلدى.

«ستار گېزىتى»، ئامېرىكادا چىقىدىغان «The Defense Post» گېزىتىنىڭ، تۈركىيەنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ 2 مىڭ كىلومېتىر ئۇچقانلىقىغا «رېكورت بۇزۇش» دەپ تەقدىرلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، بايراكتار ئاكىنجى قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ تەكىرتاغنىڭ چورلۇ ناھىيەسىدىن كۆككە كۆتۈرۈلۈپ، گىرۇزىيە ھاۋا تەۋەلىكى ئارقىلىق ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن تېكنوفەست (TEKNOFEST) يەرمەنكىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن 2 مىڭ كىلومېتىرلىق مۇساپىنى ئۇچۇپ ئۆتۈشىنىڭ، ئامېرىكادا زور ئەكس سادا پەيدا قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

«ساباھ گېزىتى»، دۇنيادا ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايروپىلان سەپەرلىرى قىلىۋاتقان تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ، ئۇچۇش تورىنى داۋاملىق كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ جەنۇبىي سۇدان پايتەختى جۇباغا ئايروپىلان سەپىرى باشلىشى بىلەن، ئايروپىلان سەپىرى بار دۆلەت سانىنىڭ 129 غا، ئايروپىلان سەپىرى نۇقتىسى سانىنىڭ 338 گە چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر