26.05.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1832925
26.05.2022

«‹ستار› گېزىتى»، «ئىبراھىم كالىن: <ئەگەر كونكرېت قەدەم تاشلانمىسا، ئىلگىرىلەش بولمايدۇ> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن فىنلاندىيە ۋە شىۋىتسىيە ھەيئىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلار ھەققىدە توختىلىپ، «تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە كونكرېت قەدەملەر بىلەن ھەل قىلىنمىسا، بۇ ئىشتا ئىلگىىرلەش بولمايدىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق قىلىپ بىلدۈردۇق» دېدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «ئىسرائىلىيەگە باش ئەلچى تەيىنلىنەمدۇ؟» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئارىدىن 15 يىل ئۆتكەندىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەۋىيەسىدە ئىسرائىلىيەدە تۇقى قېتىم رەسمىي زىيارەتتە بولغانلىقىنى ۋە زىيارەتتىن كېيىن، باش ئەلچى تەيىنلەش مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ، «بىز (ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يائېر) لاپىدنىڭ تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدا مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلىشىشنى قارار قىلدۇق» دېگەنلىكىنى يازدى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «مىنىستىر ۋارانك: <بىز ياۋروپادا 1 - ئورۇندا تۇرىمىز> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرى مۇستاپا ۋارانكنىڭ تۈركىيە پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقارغۇچىلار جەمئىيىتى ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «تۈركىيە بۈگۈن 40 مىليون توننا پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ياۋروپادا بىرىنچى، دۇنيادا 7-ئورۇندا تۇرىدۇ» دېگەنلىكىنى يازدى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «ياۋروپالىقلار شىپانى تۈركىيەدىن ئىزدەۋاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە ساغلاملىق ساياھىتىدىكى مۇھىم بازىغا ئايلاندى. ئۆتكەن يىلى 642 مىڭ چەتئەللىك تۈركىيەدە شىپالىق ئىزدىدى. ئۇلاردىن 400 مىڭ كىشىنىڭ ياۋروپالىق ئىكەنلىكى دىققەت تارتتى. ئۆتكەن يىلى تۈركىيە ساغلاملىق ساياھىتىدىن 1 مىليارد دوللار كىرىم قىلدى.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «تۈركىيەدە مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى بارمۇ؟» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجانىڭ تۈركىيەدە مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى كېسىلىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى جاكارلاپ، «بىھۇدە تەشۋىشلەر پەيدا بولماسلىقى لازىم. بۇ كېسەللىكنىڭ ۋاباغا سەۋەبچى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر