10.05.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1824663
10.05.2022

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەر تۈرك گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، دۇنيا ۋە رايون، ئۇرۇش، توقۇنۇش، سىياسىي-ئىقتىسادىي كىرىزىس ۋە ئىجتىمائىي داۋالغۇشنىڭ بېسىمىدا ئازاپلىق بىر دەۋرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ۋاقىتتا، تۈركىيەنىڭ يولىدىن چەتنىمىگەن ھالدا ئىلگىرىلىگەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ: «ھازىر ھەر ساھەدە پۇت دەسسەپ تۇرالايدىغان، بارلىق دوستلىرىغا ۋە قېرىنداشلىرىغا ياردەم قىلالايدىغان تۈركىيە بار. بۈيۈك ۋە كۈچلۈك تۈركىيە قۇرۇش ئىشلىرىنى قەدەممۇ قەدەم ئىجرا قىلىۋاتىمىز» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھدى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سالامەتلىكى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا يېتىۋاتقان پادىشاھ سەلمان بىن ئابدۇلئەزىزنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات ئالغاندىن كېيىن، سەۋر تىلەكلىرىنى يەتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە يەنە، تۈركىيە-سەئۇدى ئەرەبىستان مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايون مەسىلىلىرىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

«ستار گېزىتى»، شىۋېيتسارىيەنىڭ باسېل شەھىرىدە 8-ماي (2022) ئۆتكۈزۈلگەن 23-ئاپرېل خەلقئارا بالىلار بايرىمى پائالىيەتلىرىدە، ئىشتىراكچىلارغا ھۇجۇم قىلىپ ئالتە كىشىنى يارىلاندۇرغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن بەش كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تۋىتتېر بېتىدە ھەمبەھىرلەنگەن ئۇچۇردا، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ قەتئىيلىك بىلەن داۋاملىشىدىغانلىقىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئۇچۇردا مۇنداق دېيىلگەن:

«ھېچكىم ئەندىشە قىلمىسۇن. ياۋروپانىڭ ئوتتۇرىسىدا بالىلارغىمۇ ھۇجۇم قىلىدىغان پەسكەش بوۋاق قاتىللىرىغا لايىق جازانى، بىز ئۆزىمىز قورققىنىدىن مۆكۈنۈۋالغان ئۇۋىلىرىغىچە ئاپىرىمىز. يىگىتلىرىمىز كىچىك بالىلارنى قايغۇغا سېلىشقا ئۇرۇنغان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورىستلىرىغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.»

«ساباھ گېزىتى»، يېزا ئىگىلىكى ۋە ئورمان مىنىستىرلىقى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەھمەت نۇرى يىلمازنىڭ، تۈركىيەنىڭ دېڭىزى ۋە ئىچكى قۇرۇقلۇق سۇ مەنبەلىرى بىلەن دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش نۇقتىسىدىن  مۇھىم يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، مەھمەت نۇرى يىلمازنىڭ، «تۈركىيە ئۆتكەن يىلى 106 دۆلەتكە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلدى» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر