28.04.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1819856
28.04.2022

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەر تۈرك گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك قىلىپ، ھەتتا قۇرئان كەرىمنى كۆيدرۈپ، سىياسىي مەنپەئەت قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇنىڭ جاھالەت سەۋەبىدىن بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «قۇرئان كەرىمنى تەرجىمىسى بىلەن ئوقۇغان ھەر قانداق كىشىنىڭ بۇ مۇبارەك كىتابقا ئۆچمەنلىك قىلىشى مۇمكىن ئەمەس» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكارنىڭ شىمالىي ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى داۋاملىشىۋاتقان «پەنجە-كىلىت ھەربىي ھەرىكىتى» نىڭ بارلىق ئۆڭكۈر-غارلار بىتچىت قىلىنماستىن ئاخىرلاشمايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ھۇلۇسى ئاكارنىڭ ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تېررورىست يوقىتىلغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

«ستار گېزىتى»، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا بەش دۆلەتنىڭ «تۈرك ئاساسىي قانۇن سوتى كونفېرانسى» ئۆتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئىستانبۇلدىكى دولماباھچە سارىيىدا ئىمزالانغان كېلىشىملەر نەتىجىسىدە قۇرۇلغان «تۈرك ئاساسىي قانۇن سوتى كونفېرانسى» بىلەن بەش دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇن مەھكىمىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

«ساباھ گېزىتى»، «مارىيا گالياس: مەكتۇپلار ۋە ئەسلىمىلەر» ناملىق دراممى سەھنىلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كەلگەن ئىتالىيەلىك ئارتىس مونىكا بېلۇچىنىڭ (Monica Bellucci): «كەلگۈسىدە ئىستانبۇلدا ياشىشىم مۇمكىن» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

بىلدۈرۈلىشىچە، فىرانسىيەلىك داڭلىق ئارتىس جېرارد دېپاردۇمۇ (GerardDepardieu) تۇزلادا ياساتقان پاراخوتى پۈتكەندە ئىستانبۇلدا ياشايدىغانلىقىنى ئېيقان. نۇرغۇن داڭلىق كىشىلەر ئىستانبۇلنى ياۋروپادىكى كۆپ شەھەرلەردىن گۈزەل، ۋاقىتنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزگىلى بولىدىغان قايناق شەھەر دەپ قارايدىكەن.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، خەلقئارا ۋاسكېتبول فېدېراتسىيەسى (FIBA) نىڭ ياۋروپا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، باھچەشەھىر كولەجى كوماندىسىنىڭ ئىتالىيە رېججىيو ئېمىلىيا (Reggio Emilia) كوماندىسىنى 74 كە قارشى 90 نومۇر بىلەن يىڭىپ، ياۋروپا چېمپىيونى بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.


خەتكۈچ: #ۋەتەن , #ستار

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر