02.12.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1741807
02.12.2021

 

  تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹خەبەر تۈرك› گېزىتى»، «ئىقتىسادتىكى يېڭى ئىستراتېگىيە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ يۇقىرى ئۆسۈم نىسبىتىنى تاشلاپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ۋە ئېكسپورتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان ئىستراتېگىيىەگە ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەردوغان «دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيادا ئىزچىل تەرەققىي قىلىۋاتقان بىردىنبىر ئىقتىسادىي كۈچكە ئايلىنىشىدا بىز بۇ ئۆزگىرىشكە قەرزدارمىز.  ئىنشائاللاھ. 2021-يىلىنى ئىككى خانىلىق تەرەققىيات نىسبىتى بىلەن تاماملايمىز» دېدى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «مىنىستىر فاخرەتتىن كوجا: <يۇقۇمنىڭ ئاخىرى ئاجىز ۋارىيانتلار بىلەن كېلىدۇ> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ۋىرۇسلار زۇكامنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يۇقۇمغا ئوخشاش ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ. بىزنىڭ قىلغان كۈرىشىمىزگە ۋە ئۆزگەرگەن شارائىتلارغا قارشى ۋىرۇسمۇ ياشاش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. كوۋىد-19 نىڭ يېڭى ۋارىيانتلىرىغا قارىتا ئەندىشىلەر بولۇشى مۇمكىن، ئەمما يۇقۇمنىڭ ئاخىرى ئاجىز ۋارىيانتلار بىلەن كېلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم» دېدى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «تۇركوۋاك ئاخىرىقى باسقۇچتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جىددى ئىشلىتىلىش تەستىقىنى كۈتۈۋاتقان يەرلىك كوۋىد-19 ۋاكسىنىسى «Turkovac» نىڭ ئىككى مۇئەسسىسىسدە تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىشى ئۈچۈن ئۇل – ئەسلىھە خىزمەتلىرى تاماملاندى. تۈركىيە دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئىدارىسىنىڭ تەجرىبىخانىلىرىغا ئەۋەتىلگەن يەرلىك كوۋىد ۋاكسىنىسىنىڭ دىكابىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تەستىقتىن ئۆتۈشى مۆلچەرلەنمەكتە. ۋاكسىنىلار تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلغاندىن كېيىن، 14 كۈنلۈك سىناقتىن ئۆتكۈزۈلۈپ، بازارغا سېلىنىدۇ.

«‹ستار› گېزىتى»، «پولشا: <تۈركىيە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنى سېتىۋېلىش مۇھىم بىر كېلىشىم بولدى> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: 

پولشا پىرېزىدېنتى ئاندرېجېج دۇدا تۈركىيەنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى (SİHA) نى سېتىۋېلىشنىڭ مۇھىم بىر كېلىشىم بولغانلىقىنى ئېيتتى. دۇدا تۈركىيە بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدە تاشلانغان قەدەملەرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ھەرىكەتلىرى تۈركىيەدىن باشقۇرىلىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ب د ت نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش مەركىزى بولغان ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى (OCHA) تۈركىيەدە ئىشخانا ئېچىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېلىشىمنى تەستىقلاندى. بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، ب د ت نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى (OCHA) جەنۋەدىكى يەر شارى ھەرىكەتلىرىگە مەسئۇل قۇرۇلمىسىنى ئىستانبۇلغا يۆتكەشكە تەييارلىق قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن ب د ت سۈرىيە مەسىلىسى قاتارلىق رايوندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسلىرىغا تېخىمۇ ئاكتىپ ئارىلىشالايدىغان بولىدۇ.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر