01.12.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1741335
01.12.2021

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»،  «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ماكرون ھەققىدە توختالدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى  ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئورگىنى (TRT) نىڭ نەق مەيدان پىروگراممىسىدا كۈنتەرتىپكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە توختالغاندا، فىرانسىيەنىڭ سېمونت شىركىتى لافارگېنىڭ، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ كۆپلىگەن دەلىل – ئىسپاتلار ۋە سوت مەھكىمىسى قارارلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلانغانلىقىنى، بۇ ئەھۋالنى فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرونغىمۇ ئېيتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «لافارگې شىركىتىنىڭ قوللىشى سايىسىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بۇ يەرلەردە پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى، ھالبۇكى، مەزكۇر شىركەت، خۇددى دائېشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ھېچ بىلمەيدىغاندەك شۇنداق ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ، نەيرەڭۋازلىق قىلىۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ ھەقىقىي ئەپت – بەشىرەسى مانا مۇشۇنداقتۇر، باشقىچە ئېيتقاندا، ئۇلار ئىككى يۈزلىمىچىدۇر.»

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋغا تېلېفون قىلىپ، تەزىيە بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋغا تېلېفون قىلىپ، ئەزەربەيجاندا ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە شېھىت بولۇپ كەتكەن ئەسكەرلەر ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «شەنتوپ <بىز ھەردائىم پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايمىز> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى  ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ، پەلەستىن داۋاسى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «پەلەستىن داۋاسىدا بىزنىڭ پوزىتسىيەمىز ئېنىق بولۇپ، بىز ئەركىن، مۇستەقىل ۋە پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان پەلەستىن دۆلىتىنى ھەردائىم قوللايمىز.»

«‹ساباھ› گېزىتى»، «تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى 20 – گ گۇرۇھى ئەللىرى ئارىسىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادى 2021 – يىلىنىڭ ئۈچىنچى پەسلىدە % 7.4 تەرەققىي قىلدى.

 تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، تۈركىيە ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتىن بۇ يىلنىڭ ئۈچىنچى پەسلىدە 20 – گ گۇرۇھى ئەللىرى ئارىسىدا ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلىگەن، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە بولسا ئىككىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالغان.

«‹ستار› گېزىتى»، «ۋارانك <تۈركىيەنىڭ ئانتاراكتىكا ئىلىم – پەن بازىسى قۇرۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا> دېدى.» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك، تۈركىيەنىڭ ئانتاراكتىكا ئىلىم – پەن بازىسى قۇرۇش پائالىيەتلىرىنىڭ قويۇق ھالەتتە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ بازىنىڭ ئۇقۇم لايىھەسىنى تاماملىغانلىقلىرىنى بايان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر