26.11.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1739113
26.11.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خابەرتۈرك» گېزىتى: «تۈركىيە دىققىتىنى ئىقتىسادىي نىشانىغا مەركەزلەشتۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ نىشانلىرىغا مۇۋاپىق مەبلەغ سېلىش، ئىشلەپچىقىرىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئېكسپورت سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇش جەريانىدا يولۇققان ۋە يولۇقۇش ئېھتىمالى بولغان خىرىس ۋە تەھدىتلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 – خاتىرە يىلى بولغان 2023 – يىلىغا بارلىق ساھەلەردىكىگە ئوخشاش ئىقتىسادىي ساھەدىمۇ كۈچلۈك ھالەتتە قەدەم بېسىش ئىرادىسىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن بەردى.

«ھۆررىيەت» گېزىتى: «<تۇركوۋاك>نىڭ يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئەملىنىشكە باشلىنىشىدىن ئۈمىد بار» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجانىڭ، يۇقۇمغا قارشى تەرەققىي قىلدۇرۇلغان يەرلىك ۋاكسىنا — تۇركوۋاكنىڭ «جىددىي ئىشلىتىلىش تەستىقى» ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنۇلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىشىدىن كېيىن بايانات بېرىپ،  تۈر خىزمەتلىرى ئاخىرلاشقان <تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى>گە خېرىدار چاقىرىش پائالىيىتىنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، مەركەزنىڭ مۇشۇ ساھەدىكى دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار ئورنى ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى.

«ۋەتەن» گېزىتى: «تۈركىيە بانكىچىلىق ساھەسى ئىنتايىن كۈچلۈك» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەركىزى بانكىسى باشلىقى شاھاپ كاۋجىئوغلۇنىڭ، بانكىچىلىق ساھەسىنىڭ تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ كۈچلۈك ساھەلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، تۈرك بانكىچىلىك ساھەسىنىڭ پاي كىرىمى، مەبلەغ قۇرۇلمىسى ۋە خېرىدارلار قىممىتى جەھەتتە دۇنيانىڭمۇ ئەڭ ياخشى ساھەلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن بەردى.

«ستار» گېزىتى: «ئۇكرائىنا: <تۈركىيە بىلەن ئورناتقان ھەمكارلىقىمىز رايوننىڭ مەنزىرىسىنى ئۆزگەرتتى (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئۇكرائىنانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاسىل بودنارنىڭ، تۈركىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ يېقىنلىشىشىنىڭ بۇ رايوننىڭ مەنزىرىسىنى ئۆزگەرتىپ، يېڭى قارالمىلارنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ پەقەت ئۆزئارالا ئەمەس، بەلكى قارا دېڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان كاۋكاز، شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەنمۇ ھەمكارلىق ئورنىتىشنى ئويلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنلىكىنى يازدى.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى: «ياۋروپادا گالاتاساراينىڭ بىلىكى ئېگىلمىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، گالاتاساراي كوماندىسىنىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى E گۇرۇپپىسىنىڭ 5- ھەپتىلىك مۇسابىقىسىدە، فىرانسىيە كوماندىسى مارسېلىيانى 2 گە قارشى 4 نومۇر بىلەن يېڭىپ، 11 نومۇر بىلەن ئۈستۈنلۈك ئورنىنى ساقلاپ قالغانلىقى،  گۇرۇپپىدىن غەلىبە بىلەن ئۈزۈپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلغان گالاتاساراي كوماندىسىنىڭ، ئاخىرقى ھەپتىلىك مۇسابىقىدە بىر نومۇرغا ئېرىشكەن تەقدىردە، گۇرۇپپىسىنى ئۈستۈنلۈك بىلەن تاماملايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر