11.11.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1732474
11.11.2021

«‹ۋەتەن› گېزىتى»،  «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كازىمىدىن ھال سوراپ مەكتۇپ يوللىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىراق باش مىنىستىرى مۇستاپا ئەلكازىمىنىڭ ئۆيىگە قىلىنغان تېرورلۇق ھۇجۇمىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سىزنىڭ تېرورلۇققا قارشى كۈرىشىڭىزدە سىزنى كۈچلۈك قوللاشنى داۋاملشتۇرۇشتا قەتئىي ئىرادىگە ئىگە» دېگەنلىكىنى يازدى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»،  «شەنتوپ: <تۈركىيە لىۋىيەنىڭ يېنىدا بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ> دېدى » سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى رەئىسى مۇستاپا شەنتوپنىڭ: «تۈركىيە بۈگۈنگە قەدەر داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنگە ئوخشاش لىۋىيە ۋە لىۋىيەلىك قېرىنداشلىرىمىز ئېھتىياجلىق بولغان ھەر ساھەدە يېنىدا بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«‹ستار› گېزىتى»  «قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئاپپارات <SONGAR>  ھەرىكەتكە ئۆتتى، تەلەپ كۆپەيمەكتە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيەنىڭ تۇنجى قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتى <SONGAR> ئېكسپورتقا  تاشلىغان قەدىمىنى تېزلاشتۇردى. ئاسىسگۇئارد شىركىتى باش دېرىكتورى مۇستاپا بارىش دۇزگۇن: «بىز <SONGAR>نى 2 دۆلەتكە ئېكسپورت قىلدۇق، ئوخشىمىغان ئۈچ دۆلەت بىلەنمۇ ئەستايىدىل سۆھبەتلەتلىرىمىز بار، توختام ئىمزالاش باسقۇچىغا كەلدۇق. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىنتايىن كۆپ تەلەپ بار، بىز باھا تەكلىپى سۇنغان نۇرغۇن دۆلەت بار» دېدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «ياۋروپا-مودېكس نەق مەيدان مانېۋىرى تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقرالارنى قوغداش مېخانىزمى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان، ئاپەت ۋە يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش شۇنداقلا تىببىي ياردەمگە ئالاقىدار ياۋروپا-مودېكىس نەق مەيدان مانېۋىرى تۇنجى قېتىم تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. تەكىرداغدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مانېۋىرغا فرانسىيە، ئاۋىستىرىيە، ئىسپانىيە، ئىتالىيە، بۇلغارىيە، گرېتسىيە ۋە تۈركىيەدىن بولۇپ، جەمئىي 1715 كىشى قاتنىشىدۇ.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، تۈرك ئائىلە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىر  180 دۆلەتتە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە ئائىلە توقۇمىچىلىق سانائىتى ۋە سودا – سانائەتچىلەر جەمئىيىتى رەئىسى ھەسەن ھۈسەيىن بايرام 180 دۆلەتكە ھەر يىلى تەخمىنەن 3 مىليارد 500 مىليون دوللارلىق مال ئېكسپورت قىلىدىغان بۇ ساھەنىڭ ھەر كىلوگىرام بېشى ئېكسپورت قىممىتىنى 8 دوللاردىن ئاشۇرۇپ،  دۆلەت كىرىمىگە ئەڭ كۆپ قىممەت يارىتىدىغان ساھەلەرنىڭ بىرسىگە ئايلانغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر