04.11.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1729304
04.11.2021

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «پارىژ كېلىشىمىنىڭ كۈچكە ئىگە بولىدىغان ۋاقتى 10-نويابىر قىلىپ بېكىتىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىسلىك قارارنامىسى رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، پارىژ كېلىشىمىنىڭ كۈچكە ئىگە بولىدىغان ۋاقتى 2021-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى قىلىپ بېكىتىلدى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 21-سېنتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ پارىژ كېلىشىمىنى تەستىقلايدىغانلىقىنى ۋە 2053-يىل ئۈچۈن ھاۋا بۇلغىنىش نىسبىتىنى نۆلگە چۈشۈرۈش نىشانىنى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 9 ئېيىدا تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى نەق 6 مىليارد 200 مىليون تۈرك لىراسى (TL) كىرىم قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى  2021-يىلىنىڭ ئالدىنقى 9 ئېيىدا 6 مىليارد 200 مىليون TL ساپ پايدا ئالدى. 2021-يىلىنىڭ ئالدىنقى 9 ئېيىدا جەمئىي 31 مىليون يولۇچى توشۇغان تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 7 ئېيىدا ياۋروپادا ئەڭ كۆپ ئۇچىدىغان ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە ئايلاندى ھەمدە ئالدىنقى 9 ئاي ئىچىدە ياۋروپا بۇيىچە ئەڭ كۆپ ئۇچۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان ئىككىنچى ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە ئايلاندى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»،  «ئاپتوموبىل سانائىتى ساھەسىدىن 2 مىليارد 600 مىليون دوللارلىق ئېكسپورت» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئالدىنقى ئايدا تۈركىيەنىڭ ئاپتوموبىل سانائىتى ساھەسىنىڭ ئېكىسپورت ئومۇمىي سوممىسى 2 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يەتتى. 2021-يىلى 1-ئايدىن 10-ئايغىچە ئاپتوموبىل ئېكسپورتى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %19 ئېشىپ، 23 مىليارد 900 مىليون دوللارغا يەتتى. بۇ جەرياندا ئايلىق ئېكىسپورت ئوتتۇرىچە قىممىتى 2 مىليارد 400 مىليون دوللار يېتىپ، تۈركىيەنىڭ ئېكسپورت سودىسىدا يەنە بىرىنچى ئورۇننى ساقلاپ قالدى.

«‹ستار› گېزىتى، «يەرلىك ئاپتوموبىل لايىھەسى ئىرادىلىك قەدەملەر بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشىدا نىشان قىلىنغان تۇنجى ئاپتوموبىل 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدا تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىپ يوللارغا چىقىشقا باشلايدۇ. ئېلېكتىرونلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرىكى بولغان باتارېيە ئىشلەپچىقىرىشتىمۇ كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەر بولدى. تۈركىيەنىڭ ئاپتوموبىل تەشەببۇسى گۇرۇھى (TOGG) ۋە دۇنيا ماگناتى «FARASİS» پات يېقىندا گەملىكتە باتارېيە سېلىنمىسىنى باشلايدۇ.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «قورقۇت ئاتا تۈرك دۇنياسى كىنو -فىلىم فېستىۋالى تۇنجى قېتىم ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

«بەيئوغلۇ كۈلتۈر يولى فېستىۋالى» دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «قورقۇت ئاتا تۈرك دۇنياسى كىنو – فىلىم فېستىۋالى» كىنو ھەۋەسكارلىرى بىلەن ئۇچرىشىشقا تەييارلىق قىلماقتا. فېستىۋالنىڭ تونۇشتۇرۇش فىلىمىنى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ھەمبەھىرلىگەن مۇئاۋىن مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەھمەت مىسبا دەمىرجان، 13 دۆلەتتىن 42 فىلىمنىڭ فېستىۋالىغا قاتناشتۇرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن 200 دىن ئارتۇق فىلىم ئىشلىگۈچى، رېژىسسور ۋە ئارتىسلار بىر يەرگە جەم بولىدىغان باشلىقلار يىغىنى بىلەن كىنوچىلىق ساھەسىنىڭ قەلبى ئىستانبۇلدا سوقۇلىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر