01.11.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1727369
01.11.2021

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «تۈركىيە كىلىمات كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتا باشلامچى بولۇشقا بەل باغلىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ قەدىمكىي مەدەنىيىتىدىن ئىلھام ئېلىپ، يېشىللىق تەرەققىيات ئىنقىلابىنى بارلىق تىرىشچانلىقىنىڭ مەركىزىگە قويىدىغانلىقلىرىنى، كىلىمات كرىزىسىنى ھەل قىلىشتا رەھبەرلىك ۋە ئاكتىپ رول ئويناشنى قارار قىلغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ: «تەبىئەتنى قوغداش دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسلىق مۇھىم ئىشلىرىنىڭ بىرسى» دېدى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «ئەردوغان: <F-16 لار مەسىلىسىدە مەن بايدىننى ئىجابىي كۆردۈم> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى ئۈستىدە توختىلىپ: «بىز ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قىلغان ياردىمىگە قارىتا نارازىلىقىمىزنى يەتكۈزدۇق. F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانى مەسىلىسىدىمۇ مەن بايدىننى ئىجابىي كۆردۈم. يىغىن جەريانىدا قولىمىزدىكى زامانىۋىلاشتۇرۇشلار ۋە يېڭى F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ بېرىلىشى كۈنتەرتىپكە كەلدى. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىمىز بۇ باسقۇچنى نازارەت قىلماقتا» دېدى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «كونتېينېر كىرىزىسى پۇرسەتكە ئايلاندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە كونتېينېر كىرىزىسى ۋە دېڭىز تىرانسپورتى تەننەرخىنىڭ ئېشىپ كېتىشىگە قارشى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە پاكىستان بىلەن «TIR كارنىتى» نى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزدى. بۇ دائىرىدە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ شارجاھ پورتىدىن يۈك ئالغان يۈك ماشىنىلىرى ئىراندىكى باندېر ئابباس پورتىغا ۋە ئۇ يەردىن قۇرۇقلۇق بىلەن ئىسكەندېرۇنغا يېتىپ كەلدى. سۇۋەيىش قانىلىدىكى لىنىيەگە 20 كۈن كېتەتتى، بۇ يېڭى لىنىيە بىلەن 6-8 كۈنگە چۈشتى. پاكىستاندىن 1 ئاي ۋاقىت كېتىدىغان دېڭىز تىرانسپورتى قۇرۇقلۇق بىلەن 12-10 كۈنگە قىسقارتىلدى.

«‹ستار› گېزىتى» «تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئاپتوموبىللىرىدىن كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئۇچۇر» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇلارنى يازدى:

تۈركىيەنىڭ ئاپتوموبىل تەشەببۇسى گۇرۇھى (TOGG) ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسلىرىدا بۇ لايىھە بويىچە يېتىپ كېلىنگەن ئەڭ يېڭى تەرەققىياتلارنى ھەمبەھىرلەشنى داۋاملشتۇرماقتا. «TOGG» شىركىتىنىڭ تۋىتتېر ئارېسىدا ئېلان قىلىنغان باياناتىدا: «نىشانىمىزنى قەدەممۇ-قەدەم ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتىمىز. بىزنىڭ يېڭى توپقا قوشۇلۇش سەپىرىمىز ئاستىلىماي داۋاملاشماقتا» دېيىلدى. تۈركىيەنىڭ ئاپتوموبىل تەشەببۇسى گۇرۇھى (TOGG2022-يىلىنىڭ ئاخىرقى چارىكىدە يەرلىك ئاپتوموبىل يوللارغا چىققاندا، ياۋروپا بويىچە ئېلېكتىرونلۇق تۇنجى ئاپتوبىل يوللارغا چىققان بولىدۇ.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «ئېنېرگىيە ئىزدەش پائالىيىتى تېخىمۇ جانلىنىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە كانچىلىق ساھەسىدە بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 8 ئېيىدا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ %20.9 ئېشىشىنى قولغا كەلتۈردى. ئېنېرگىيەدە چەت ئەلگە تايىنىپ قىلىشنى تېخىمۇ تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن كېلەر يىلى (2022) بۇ ساھەدىكى پائالىيەتلىرىنى ئاستىلاتماي داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ دائىرىدە، ئېنېرگىيەدە چەت ئەلگە تايىنىپ قىلىشنى تېخىمۇ تۆۋەنلىتىش مەقسىتىدە، لىگنىت، قىيا گازى ۋە سلانېتس گازى قاتارلىق يوشۇرۇن زاپاس مىقدارى يۇقىرى يەرلىك مەنبەلەرنى ئىزدەش پائالىيەتلىرى كۈچەيتىلىدۇ.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر