28.10.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1726120
28.10.2021

«‹ساباھ› گېزىتى»،  «ئەردوغان فەتھۇللاھچىلارغا قارشى كۈرەشتە چادنىڭ قوللىشىنى ئۇنتۇپ قالمايمىز> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەدە چادنىڭ ئۆتكۈنچى پىرېزىدېنتى ماھامات ئىدرىس ئىتنو بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشىدىن كېيىن بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، «بىز چاد بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىمىز. نىشانىمىز سودا مىقدارىنى 200 مىليون دوللارغا يەتكۈزۈشتۇر. چادنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشتە قوللىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمايمىز» دېدى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم ئۇچرىشىش» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس باياناتچىسى ئىبراھىم كالىننىڭ تۈنۈگۈن ئامېرىكا بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى، سۆھبەتتە ئۆزئارا مۇناسىۋەت، F-35 ۋە  F-16 مەسىلىسى، يەر شارى كېلىمات ئۆزگىرىشى، ئافغانىستان، سۈرىيە، لىۋىيە، قاراباغ، گرېتسىيە، شەرقىي ئاق دېڭىز ۋە باشقا رايونلارنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى يازدى.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «<Bayraktar TB2 SİHA> غا مۇناسىۋەتلىك تەرەققىيات» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

بايكار بايراقتار TB2 نىڭ يەنە بىر دۆلەتكە ئېكىسپورت قىلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى. ئېكىسپورت قىلىنىدىغان يېڭى دۆلەتنىڭ ئىسمى شىركەتنىڭ رەسمىي تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتاتىلغا ئېلىنمىدى. «يەنە بىر دۆلەت بىلەن BayraktarTB2 SİHA ئېكسپورت توختامى ئىمزالىدۇق. بۇ كېلىشىم بىلەن BayraktarTB2 SİHA ئېكسپورت قىلىنغان دۆلەتلەرنىڭ سانى 13 كە يەتتى» دېيىلدى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «ئىستانبۇل ئايرودرومى ياۋروپادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايرودروم بولۇپ تاللاندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

خەلقئارا ئايرودروم كېڭىشى (ACI) ئۇيۇشتۇرغان «17-نۆۋەتلىك ACI ياۋروپا مۇكاپاتى» مۇراسىمىدا ئىستانبۇل ئايرودرومى «ياۋروپادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايرودروم » ۋە «قولايلىق ئايرودروم» مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى.

«‹ستار› گېزىتى»  «ياۋروپادىن تۈركىيەگە تەلەپ ئېقىۋاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، بۇ يىل 10 ئايلىق مەزگىلدە، تۈركىيەدىن 83 دۆلەتكە 125 مىليون دوللارلىق گۈل ئېكسپورت قىلىنغانلىقىنى، ئەڭ كۆپ ئېكسپورت قىلىنغان دۆلەتلەرنىڭ گوللاندىيە، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، ئۆزبېكىستان، رۇمىنىيە ۋە بۇلغارىيە بولغانلىقىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر