14.09.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1706002
14.09.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەر تۈرك گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيەنى سېلىنما ئۈچۈن جەلپ قىلارلىق دۆلەت ھالىغا كەلتۈرگەنلىكلىرىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تۈركىيەنىڭ يوشۇرۇن كۈچىگە ۋە ئىقتىسادىغا ئىشەنگەن بارلىق مەبلەغ سالغۇچىلارنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باياناتچىسى ئۆمەر چەلىكنىڭ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «تېخىمۇ ئادىل دۇنيا مۇمكىن» ناملىق كىتابىنىڭ نەشر قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ كىتاب دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي ۋە ھەر تۈرلۈك مەسىلىلەردە باشلامچىلىق قىلىۋاتقان تېمىلارنى بايان قىلىدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئۆمەر چەلىكنىڭ يەنە، ب د ت نىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرالمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «مەزكۇر كىتابتا تۈركىيەنىڭ قايسى ئىسلاھات تەكلىپلىرىنى قىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ «ئافغانىستان يۇقىرى دەرىجىلىك مىنىستىرلار يىغىنى» دا، ئافغانىستان توغرىسىدا سۆز قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئافغانىستان خەلقىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم يەتكۈزۈشنىڭ ئەخلاقىي بۇرچ ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ: «ئافغانىستاندىكى كىرىزىس دۇنياغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ھازىر بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ستار گېزىتى»، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ كابۇل ئايرودۇرۇمىنى قايتىدىن ئېچىش مەسىلىسىدە، تۈركىيە ۋە قاتار بىلەن يېقىندىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، تېكنوفەست ئاۋىياتسىيە، ئالەم ۋە تېخنولوگىيە فېستىۋالىنىڭ 2021-يىلى 21-سېنتەبىردىن 26-سېنتەبىرگىچە ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر