27.07.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلانغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1680793
27.07.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى تانجۇ بىلگىچنىڭ ئاۋستىرىيە باش مىنىستىرى سېباستىيان كۇرز (Sebastian Kurz) ئېلان قىلغان ئافغانىستانلىق مۇساپىرلار ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ «توغرا جاي» ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى بايات ئۈستىدە توختىلىپ: «تۈركىيە رايون ۋەزىيىتى سەۋەب بولغان كەڭ كۆلەملىك كۆچ كىرىزىسىنىڭ ئاقىۋىتىگە ئىگە بولمايدۇ ۋە كۆچ دولقۇنىغا مەسئۇل بولمايدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، تانجۇ بىلگىچنىڭ ئاۋستىرىيەنىڭ خەلقئارادىكى مەسئۇلىيەتلىرىگە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئۇيغۇن ھالدا ئافغانىستانلىق مۇساپىرلارغىمۇ خەلقئارالىق قوغداش كاپالىتى بېرىشكە مەجبۇر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 2016-يىلى 15-ئىيۇلدىكى خائىن ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش مۇساپىسىدە كۆپ بىلىنمىگەن ۋەقەلەر بايان قىلىنغان «مەھرەم» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ«1-ت ر ت » قانىلىدا قويۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، جەمئىي 10 بۆلۈم قىلىپ ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىنى كۆرۈش نىسبىتىدە رېكورت يارىتىلغانلىقى، يۇتۇبتا قويۇلغان ۋىدېئولارنىمۇ مىليونلارچە كىشىنىڭ كۆرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، ئىستانبۇل سابىھا گۆكچەن ئايرودۇرۇمىدا 2021-يىلى 24-ئىيۇل كۈنى 106 مىڭ 463، 25-ئىيۇل 110 مىڭ 420 يولۇچىغا مۇلازىمەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئىستانبۇل سابىھا گۆكچەن ئايرودۇرۇمى ھەپتە ئاخىرى جەمئىي 216 مىڭ 883 يولۇچىغا مۇلازىمەت قىلىش بىلەن، 2021-يىلدىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر