14.06.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1657417
14.06.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»،  «ئەردوغان <بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ دىن دوختۇرخانىغا قىلغان ھۇجۇمنىڭ ھېسابىنى سورايمىز> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلغا قاراپ يولغا چىقىش ھارپىسىدا بەرگەن باياناتىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ ئافرىندا دوختۇرخانىغا قىلغان ھۇجۇمى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تېررورلۇق ھۇجۇمى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ قانداق نومۇسسىز ۋە ۋەھشىي بىر تەشكىلات ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. دۆلىتىمىزدە بىگۇناھ ئىنسانلارنى، سۈرىيەدە پۇقرالارنى، ئىراقتا كورد قېرىنداشلىرىمىزنى قەتل قىلغان بۇ نومۇسسىز ئەبلەخلەردىن تۆككەن ھەر بىر تامچە قاننىڭ ھېسابىنى سورايمىز.»

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «تۈركىيە ئارمىيەسى تەل رىفئەتتە تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئېغىر زەربە بەردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى  ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ ئافرىندىكى دوختۇرخانىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن، تۈركىيە قىسىملىرى، تەل رىفئەتتە تېررورچىلارغا ئائىت نىشانلارغا ئېغىر زەربە بەردى. «جازالاندۇرۇش» ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە، تېررورچىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن ئاتالمىش 3 قارارگاھ بىناسى، بىر پاناھ جاي ۋە بىر گازارما يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلدى، كۆپ ساندا تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «ئاقار لىۋىيە مەسىلىسى ھەققىدە سىگنال بېرىپ، «بۇنى دۇنيا ئۇنتۇماسلىقى لازىم> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە،  تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، لىۋىيە زىيارىتى ئەسناسىدا بەرگەن باياناتىدا، «ھەربىي ئىسيانچى ھەفتەر لىۋىيە ھەربىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قەتل قىلدى، يۈزلەرچە ئىنساننى كوللېكتىپ ھالدا مازارلارغا كۆمدى، بۇ ئىنسانلارنىڭ ئائىلىلىرى قاتتىق دەرد - ئەلەم ئىچىدە، بۇنى دۇنيا ئۇنتۇماسلىقى لازىم» دېدى.

«‹ستار› گېزىتى»، «تۈركىيەنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا قارشى تاقابىل تۇرۇش ئىمكانىيىتىمىز بولمايتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئىستىراتېگىيەلىك تەتقىقاتلار ئىنىستىتۇتىدا پودپولكوۋنىك مىچېل كارل، گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ تاغلىق قاراباغدا ئەزەربەيجانغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئېھتىماللىقى ھەققىدە قىلغان سۆزىدە، «تۈركىيەنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا قارشى تاقابىل تۇرۇش ئىمكانىيىتىمىز بولمايتتى» دېدى.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «ئۆي جاھازلىرى، قەغەز ۋە ئورمان مەھسۇلاتلىرى ساھەلىرىنىڭ ئېكىسپورتى% 28 ئاشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى  ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تۈركىيەنىڭ ئۆي جاھازلىرى، قەغەز ۋە ئورمان مەھسۇلاتلىرى ساھەلىرىنىڭ ئېكىسپورتى، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 5 ئېيى ئىچىدە، 2020 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 28 ئېشىپ، 2.6 مىليارد دوللارغا يەتتى، بۇنىڭ 1.6 مىليارد دوللارلىق قىسمىنى ئۆي جاھازلىرى تەشكىل قىلدى. ئەڭ كۆپ ئۆي جاھازلىرى ئېكسپورت قىلىنغان 5 دۆلەت گېرمانىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، فىرانسىيە، ئىسرائىلىيە ۋە ئىراق بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر