11.06.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1655919
11.06.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ھۆررىيەت» گېزىتى: «ئەردوغاننىڭ بايدىن بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئۇچرىشىشىدا (ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان) توققۇز تېما» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن ئۆتكۈزىدىغان يۈز تۇرانە ئۇچرىشىشىدا توققۇز تۈرلۈك مۇھىم مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇچرىشىشتا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى (فەتۆ)غا قارشى كۈرەشتە كونكرېت قەدەم تاشلاش ۋە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ بېرىلىۋاتقان ياردەمنىڭ توختىتىلىشى تەلەپ قىلىنىدىكەن. بۇلاردىن باشقا، F - 35 ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە S - 400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى، شۇنداقلا سۈرىيە، لىۋىيە، شەرقىي ئاقدېڭىز، تاغلىق قاراباغ ۋە 100 مىليارد دوللارلىق سودا نىشانى مەسىلىسى قاتارلىق مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى: «بايدىن ھۆكۈمىتى تۈركىيەگە قارىتا يېڭى تەپەككۇر ئۇسۇلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئامېرىكانىڭ «ۋال سترىت جورنال» گېزىتىنىڭ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە سىياسىتىنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدا بىر پارچە ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ ھەم ئامېرىكانىڭ ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، ھەمدە قىيىن دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى يازدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەگە قارىتا يېڭىچە تەپەككۇر ئۇسۇلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكى تەۋسىيە قىلىنغان ماقالىدە: «ئەنقەرەنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى تېخىمۇ مۇستەقىل بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن.

«ستار» گېزىتى: «ماكرون: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئىككىمىزنىڭ بىر – بىرىمىزنى كۆرۈشۈشكە ئېھتىياجىمىز بار (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا ئۆزى ۋە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئۆزئارا كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ بىر ياخشى ئىش. بىزنىڭ بىر - بىرىمىزنى كۆرۈشكە ئېھتىياجىمىز بار» دېگەنلىكىنى، ھەمدە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىكىر ئوخشىماسلىقىغا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما داۋاملىق سۆزلىشىش ۋە سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

«خابەرتۈرك» گېزىتى: «ياۋروپا ئىمپورت قىلغان ئورگانىك دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ 7 پىرسەنتى تۈركىيەدىن كېلىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيەنىڭ ئورگانىك دېھقانچىلىق جەھەتتە دۇنيا بويىچە 18 - ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى؛ تۈركىيەنىڭ سەككىز خىل مەھسۇلات بىلەن باشلىغان ئورگانىك دېھقانچىلىق پائالىيىتىنى ئۆتكەن يىلىغا كەلگەندە 235 تۈرلۈك مەھسۇلاتقا يەتكۈزۈپ، بۇ ساھەدە ياۋروپا ئىمپورت قىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ %7 ىنى تەمىنلەيدىغان ھالەتكە كەلگەنلىكىنى يازدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، كوۋىد – 19 يۇقۇمىغا قارىماي، تۈركىيەنىڭ ئورگانىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى بۇلتۇر 1 مىليون 600 مىڭ توننىغا يەتكەن.

«ۋەتەن» گېزىتى: «ئاغرىدا ئالتۇن زاپىسى بايقالدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئاغرىدا 20 توننا ئالتۇن زاپىسى بايقالغانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ رايوندا ئىككى يىل ئىچىدە 3 - 3.5 توننا ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش پىلانلانماقتا ئىكەن، بۇ ھەقتە بايانات بەرگەن سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرى مۇستاپا ۋارانك: «ئاغرىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇزۇن مەزگىللىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، بازار قىممىتى 1 مىليارد 200 مىليون دوللار بولغان 20 توننا ئالتۇن ۋە بازار قىممىتى 2 مىليون 800 مىڭ دوللار بولغان 3.5 توننا كۈمۈش زاپىسى بايقالدى» دېگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر