27.05.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1646514
27.05.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «ئۇچقۇچىسىز ئۇرۇش ئايروپىلانىمىزنى 2023 – يىلى ئۇچۇرۇشنى پىلالاۋاتىمىز» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە،  تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىس ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەھبىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈنۈگۈن پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، «ئۇچقۇچىسىز ئۇرۇش ئايروپىلانىمىزنى، خۇدايىم بۇيرۇسا، 2023 – يىلى كۆكلىرىمىزدە ئۇچۇرۇشنى پىلانلاۋاتىمىز» دېدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈنۈگۈن پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى گۇرۇپپا يىغىنى ھارپىسىدا بەرگەن باياناتىدا، گىرېتسىيەنىڭ تەكلىپىگە بىىنائەن 31 – ماي دۈشەنبە كۈنى بۇ دۆلەتتە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى، ئۇچرىشىشلار دائىرىسىدە، پايتەخت ئاتىنا ۋە سەلانىكنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»،  «تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەزەربەيجانغا 5 دانە مېخانىكىلىق مىنا تازىلاش ئۈسكۈنىسى بەردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مىنىستىرلىق قارمىقىدىكى ھەربىي زاۋۇت ۋە كېمىسازلىق شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان 5 دانە مېخانىكىلىق مىنا تازىلاش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئەزەربەيجانغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «يېڭى BioNTech ۋاكسىنىلىرى تۈركىيەگە كەلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى  ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا ئىلگىرى كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان 120 مىليون قۇتا Pfizer/BioNTech ۋاكسىنىسىنىڭ دەسلەپكى قىسمى بېسىلغان ئايروپىلان، تۈنۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەگە قوندى. ۋاكسىنىلار ئالاھىدە سوۋۇتقۇچ يۈك ئاپتوموبىللىرى بىلەن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ۋاكسىنا ۋە دورا ئامبىرىغا يۆتكەلدى.

«‹ستار› گېزىتى»،  «تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلدى، 40 دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى بايانلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيەدىن 2021 – يىلى يانۋاردىن ئاپرېلغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، گېرمانىيە، كۇۋەيت ۋە بېلگىيە قاتارلىق 40 دۆلەتكە 9 مىليون 306 مىڭ دوللارلىق ھەسەل ئېكسپورت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر