21.04.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1625480
21.04.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ساباھ› گېزىتى»، «شىۋېتسىيە باش ئەلچىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

شىۋېتسىيە باش ئەلچىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلىپ، شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئان لىندېنىڭ تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرى بىلەن كۆرۈشۈشىدىن كېيىن، بۇ قېتىم دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېتېر ھۇلتچۋىتنىڭ  تېررورچىلارنىڭ كاتتىباشلىرى بىلەن ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق كۆرۈشۈشى قاتتىق ئەيىبلەندى، تۈركىيەنىڭ دائېش ۋە پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرىشىنىڭ قەتئىي داۋاملىشىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «مىنىستىر دۆنمەز، <قارادېڭىزنىڭ تەبىئىي گازى 2023 – يىلىغا يېتىشىدۇ> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز، تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، قارادېڭىزدا بايقالغان تەبىئىي گازنىڭ دەسلەپكى قىسمىنىڭ 2023 – يىلى (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 – يىللىقى) غا يېتىشتۈرۈلۈشى ئۈچۈن داۋاملىق خىزمەت ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «2020 – يىللىق بالىلار نوپۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستاتىستىكىكىلىق سانلىق مەلۇماتلا ئېلان قىلىندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى  ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى، 2020-يىللىق بالىلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىستاتىستىكىكىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى ئېتىبارى بىلەن، تۈركىيەنىڭ نوپۇسى 83 مىليون 614 مىڭ 362 ئادەم بولۇپ، بۇنىڭ 22 مىليون 750 مىڭ 657 سىنى بالىلار تەشكىل قىلىدىكەن.

«‹ستار› گېزىتى»، «تۈركىيەنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى دۆلەتتە قوراللارنى جىمىقتۇردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى بايانلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيەنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇرۇشنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹ El Periodico› گېزىتى»، رۇسىيەدە ئىشلەنگەن زېنىت توپلار ۋە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى بىلەن بىرلىكتە بەششەر ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ئائىت نۇرغۇن تانكىلارنى بىر تەرەپ قىلغان تۈركىيەنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش ئېلىپ كەلگەنلىكىنى يازدى.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «سۇلايمان ئاتلى ياۋروپا چېلىشىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە،  تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ياۋروپا چېلىشىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، ئەركىن سۇلايمان ئاتلى، 57 كىلوگراملىقلار بويىچە رۇسىيەلىك رەقىبى ناچىن مونگۇشنى يېڭىپ، ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر