12.04.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1619433
12.04.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ستار› گېزىتى»، «تۈركىيە دونباس رايونى مەسىلىسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ قوغدىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى، قارادېڭىز ۋە رايوندا يۈز بەرگۈسى ھەر تۈرلۈك سۈركىلىش ۋە توقۇنۇشنىڭ بارلىق تەرەپلەرگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە قىرىم تاتارلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغدىماقتا ۋە رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىنىشىنى قوللىماقتا.»

«‹ساباھ› گېزىتى»،  «تۈركىيە قەدەممۇقەدەم ئاي شارىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

مىللىي ئالەم قاتنىشى پىروگراممىسى دائىرىسىدە، 2023-يىلى ئاي شارىغا ئەۋەتىلىشى پىلانلىنىۋاتقان ئۇچقۇچىسىز ئالەم كېمىسىدە ئىشلىتىلىدىغان مىللىي ۋە ئۆزگىچە ئارىلاش راكېتا موتورى، ئوت ئالدۇرۇش سىنىقىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى. تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ راكېتا سىستېمىلىرىدىن بىرى بولغان SORS، دۇنيا بويىچە  ئەڭ ئىلغار ئارىلاش تېخنىكىلىق راكېتا موتورىغا ئىگە. راكېتا موتورىنىڭ بىر ئەۋرىشكىسى مايدا سىنوپتىن قويۇپ بېرىلىدۇ.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»،  «رۇسىيەدىن ئالەم بوشلۇقى تەتقىقاتى تەكلىپى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئالېكسېي ئەركھوۋ، تۈركىيەنىڭ ئالەم بوشلۇقى تەتقىقاتىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، «ئۆزىنىڭ ئالەم تەتقىقاتى پىلانىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، قوشنىلىرىمىزنى تەبرىكلەيمىز» دېدى. تۈركىيەنىڭ ئالەم بوشلۇقى تەتقىقاتلىرى ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يەر شارى خاراكتېرلىك پائالىيەتلەرگە تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن رۇس ئەلچى، دۆلىتىنىڭ ئالەم بوشلۇقى پائالىيەتلىرى ساھەلىرىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «تۈركىيە ساغلاملىق ساياھەتچىلىكىدە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى 10 دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى  ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

«‹ Forbes› ژۇرنىلى» نىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 5 يىللىق مۆلچەردە يۇقىرى ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگەن ساھەلەرنىڭ بېشىدا ساغلاملىق ساياھىتى كېلىدىكەن. بۇ ساھەنىڭ سودا مىقدارى ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن% 24 ئاشماقتا ئىكەن. تۈركىيە ساغلاملىق ساياھەتچىلىكىدە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى 10 دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىكەن.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «تۇنجى تۈركۈمدىكى رۇس ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان ئايروپىلان مۇغلاغا قوندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادىن 2012 يولۇچى بىلەن بىرلىكتە قوزغالغان ئايروپىلان، كەچ تەرەپلەردە مۇغلادىكى مىلاس – بودرۇم ئايرودۇرۇمىغا قوندى. ئايروپىلاندىن چۈشكەن رۇس ساياھەتچىلەر، رەسمىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن، ساياھەت قىلىدىغان بودرۇم ناھىيەسىگە كېتىش ئۈچۈن ئايرودۇرۇمدىن ئايرىلدى. بۇ پەسىلدە خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ساياھەتچىلەر سانىنىڭ بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا ئېشىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر