09.02.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلانغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1579967
09.02.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ۋەتەن گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ ۋىدېئو ئارقىلىق كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن مېركېلنىڭ كۆرۈشۈشتە، تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنى ئىجابىي كۈنتەرتىپ بىلەن ئىلگىرىلىتىش قەتئىي قارارىغا ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ، مارت ئېي (2021) دا ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى ئېچىلغىچە بولغان جەرياندا ئۆزئارا ئۇچرىشىشلارنى كۆپەيتىپ، تېخنىكىلىق كۆرۈشۈشلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈملەر رېكورت سەۋىيەگە چىققان ۋە سەھىيە سىستېمىسىدا زور قىيىنچىلىقلار كۆرۈلگەن گېرمانىيەدە، كىرىزىسنىڭ كۈندىن-كۈنگە زورىيىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، تۈركىيەدە ئوڭۇشلۇق ھالدا ئىلگىرىلەۋاتقان ۋاكسىنا ئەملەش خىزمەتلىرىنىڭ، گېرمانىيە تاراتقۇلىرىدا ھەيرانلىق قوزغىغانلىقى ۋە: «تۈركىيەدە گېرمانىيەنىكىدىن كۆپ كىشى ئەملىنىۋاتىدۇ. ئەملەش خىزمەتلىرىدە قالايمىقانچىلىقتىن ئەسەر يوق» دېيىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ستار گېزىتى»، پايتەخت ئەنقەرەدە  رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار ۋە سودا مىنىستىرى پېتېر سىييارتو (Peter Szijjarto) نىڭ: «تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىمىز. كۆچكە مۇناسىۋەتلىك ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى تۈركىيەگە باغلىق. تۈركىيە ئوتتۇرا ياۋروپا ئېنېرگيەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كۆپ ھەسسە قوشۇۋاتىدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، ئانتاليانىڭ دەمرە ناھىيەسىدە رۇسىيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ، فېۋرال ئېيىدا تەبىئەتنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ كەيپىنى چىقىرىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيەدىكى ئايرودۇرۇملاردا، بۇ يىل (2021) نىڭ يانۋار ئېيىدا جەمئىي 5 مىليون 227 مىڭ 452 يولۇچىغا خىزمەت بېرىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.        



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر