14.01.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1563520
14.01.2021

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەرلىك ۋە مىللىيسىنى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ يەرلىك ۋە مىللىي ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ كۈچ - قۇدرىتىنى ئارزۇ قىلىنغان سەۋىيەگە چىقىرىشقا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەردوغان تۈنۈگۈن جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن رادىيو تېلېۋىزىيە جەمئىيىتى 2019 – يىللىق ئوسكار مۇكاپاتى مۇراسىمىدا، تېز ئۇچۇر يوللاش يۇمشاق دېتاللىرى ئۈستىدە توختىلىپ، «ئىنشائاللاھ، بۇنىڭ يەرلىك ۋە مىللىيسىنى قۇرۇپ چىقىمىز» دېدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»،  «تۈركىيە، پاكىستان ۋە ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئىسلامئابادتا كۆرۈشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇۋۇشئوغلۇ پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادتا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئەزەربەيجان-پاكىستان ئۈچ تەرەپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن كېيىن، چاقىرىلغان قوشما ئاخبارات ئېلان يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىدى. چاۋۇشئوغلۇ باشلىقلار يىغىنىدا نۇرغۇن ساھەلەردە ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىش قارارى ئالغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ: «بىخەتەرلىك، مۇقىملىق ۋە باياشاتلىقنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم قەدەملەرنى تاشلاشنى قارار قىلدۇق» دېدى.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «پۇتىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا قاراباغ ھەققىدە تېلېفون قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن دۈشەنبە كۈنى موسكۋادا ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تاغلىق قاراباغ مەسىلىسى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان ئۈچ تەرەپلىك ئۇچرىشىش ھەققىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا مەلۇمات بەردى. ئىككى رەھبەر تۈنۈگۈن تېلېفوندا كۆرۈشتى. سۆھبەتتە تۈركىيە - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچەيتىلىشىگە دائىر تاشلىنىدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىندى. ،تاغلىق قاراباغدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى كونترول قىلىش ۋە نازارەت قىلىشقا دائىر تۈركىيە-رۇسىيە بىرلەشمە نازارەت مەركىزىىڭ ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىندى.

«‹ستار› گېزىتى» «تۇنجى <CoronaVac>  ۋاكسىنىسى سەھىيە مىنىستىرى كوجاغا ئەملەندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جىددى ئىشلىتىش رۇخسىتى بېرىلگەن تۇنجى <CoronaVac>  ۋاكسىنىسى ئەنقەرەدىكى  شەھەر دوختۇرخانىسىدا سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجاغا ئەملەندى. فاھرەتتىن كوجا ھەممەيلەننىڭ چوقۇم ۋاكسىنا ئەملىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «چۈنكى بۇ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈللۈك يوللىرىدىن بىرسى ۋاكسىنا ئەملەش. نورمال، ئىلگىرىكى تۇرمۇشىمىزغا قايتىش ئۈچۈن چوقۇم ۋاكسىنا ئەملىنىشىمىز لازىم» دېدى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «مىنىستىر ۋارانك: <نويابىردا سانائەت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئەڭ يۇقىرى دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇق> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرى مۇستاپا ۋارانك تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ نويابىردا سانائەت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئەڭ يۇقىرى كۆتۈرگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرسىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «دۇچ كەلگەن بارلىق قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، بىزنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىمىز، يىللىق %11 ۋە  ئايلىق %1.3 ئېشىش بىلەن بازار مۆلچەرلىرىدىن ئالاھىدە يۇقىرى ئىشقا ئاشتى. نىشانىمىز ئىشلەپچىقىرىشتىكى بۇ ئېشىشنى 2021 - يىلىدىمۇ داۋاملاشتۇرۇشتۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر