15.12.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1545723
15.12.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەر تۈرك گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، تۈركىيەنىڭ ھېچكىمنىڭ ھەققىنى يىمىگەنلىكىنى، شۇڭا ھېچكىمگىمۇ ھەققىنى يىگۈزمەيدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، تۈركىيەنىڭ لىۋىيەدىن شەرقىي ئاقدېڭىزغىچە، سۈرىيەدىن كاۋكازغىچە سوزۇلغان جۇغراپىيەدە تەسىرى كۆپ خىزمەتلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «قەيەردە ئادالەتسىزلىك بولسا، شۇ يەردە ئادالەتنى ئورنىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىمىز» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ۋەتەن گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيەنىڭ بارلىق سىياسەتلىرىنى ۋابادىن كېيىنكى مەزگىلدە «مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى» بولۇش مەقسىتىگە قارىتا شەكىللەندۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ: «دۆلىتىمىزنى ۋابادىن كېيىنكى مەزگىلگە تەييالاۋاتىمىز. ھەر ساھەدە تۈركىيەنى زامانىۋى مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ ئۈستىگە چىقىرىدىغان قەدەملەرنى تاشلاۋاتىمىز. كابېنت يىغىنىدا مىللىي ئالەم ئىشلىرى پىروگراممىمىزنىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلىدۇق. ئىنشائاللاھ، دۆلىتىمىزنىڭ بايرىقىنى ئالەمدە لەپىلدىتىدىغان كۈنلەر ناھايىتى يېقىن. بۇنى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە خەلقىمىز بىلەن ئورتاقلىشىمىز» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ستار گېزىتى»، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكارنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدا ھىدرو كاربون ئىزدەش پائالىيەتلىرى ئۈستىدە توختالغاندا، تۈركىيەنىڭ قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى تارتقۇزۇپ قويمايدىغانلىقىنى، ئۇ يەردە ھەر قانداق شەكىلدىكى بولدى قىلىشلارغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئىندېكسىنىڭ ئۆكتەبىر (2020) ئېيىدا ئايلىقى %1.1، يىللىق بويىچە ھېسابلىغاندا %10.2 ئۆسكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «ئۆكتەبىر سانلىق مەلۇماتلىرىدا، دۆلەتلەر ئارىسىدا ئەڭ كۈچلۈك كۆرۈنۈش دۆلىتىمىزگە تەئەللۇق. نىشانىمىز ناھايىتى ئېنىق، سانائەتتە تېخنىكىلىق ۋە دىجىتاللىشىش ئۆزگىرىشنى تېزلەشتۈرۈپ، قوشۇمچە قىممىتى يۇقىرى ئىشلەپچىقرىشنى ئومۇملاشتۇرۇش» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ستار گېزىتى»، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەرلىك ئاپتوموبىلى «گۈنسەل» نىڭ «2020-مۇسىئاد ئېكسپو» (Müsiad Expo 2020) كۆرگەزمە قىلىنغانلىقىنىڭ، دۇنيا تاراتقۇلىرىدا كەڭ ئورۇن ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، «گۈنسەل» ماركىلىق ئاپتوموبىلنىڭ بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا، كولومبىيە، بولىۋىيە، قاتار، مېكسىكا ۋە ئەزەربەيجان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تاراتقۇلىرىدا، «تۈرك دۇنياسىنىڭ ئاپتوموبىلى» دەپ تەرىپلىنىپ مەدھىيەلەنگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر