04.12.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1539409
04.12.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ستار» گېزىتى، «ئەردوغان كوۋىد – 19 غا قارشى كۈرەشتە دۇنياۋى ھەمكارلىق ئورنىتىشقا چاقىردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ كوۋىد – 19 مەخسۇس يىغىنى ئىشتىراكچىلىرىغا سىن كۆرۈنۈشلۈك خىتاب قىلىپ، «خەلقئارا جەمئىيەت 21 – ئەسىرنىڭ ئەڭ ئېغىر دۇنياۋى سىنىقىغا دۇچ كەلدى. بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشنىڭ ئاچقۇچى خەلقئارا مىقياسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىشتۇر» دېگەنلىكىنى يازدى.

«ھۆررىيەت» گېزىتى، «ئەردوغان ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ (ئەھمىيىتىنى) تەكىتلىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، تاغلىق قاراباغ ئىختىلاپىدا يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم بېسىلغانلىقىنى، بۇ باسقۇچتا ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا كۆلەڭگە چۈشۈرىدىغان ھەر تۈرلۈك ھەرىكەتلەردىن سەزگۈرلۈك بىلەن ساقلىنىشنىڭ پەۋقۇلئاددە مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۈزۈل – كېسىل تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى پۇرسەت ئىشىكلىرىنى ئاچىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئەرمېنىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوندىكى بارلىق دۆلەتلەرگە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى، «تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجانغا قىلغان قورال ئېكسپورتى % 600 ئاشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيەنىڭ ھەربىي جەھەتتىكى قوللىشى ئارقىسىدا تاغلىق قاراباغدا تارىخىي غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن ئەزەربەيجاننىڭ، يانۋار – نويابىر ئايلىرى ئارىلىقىدا تۈركىيەدىن 256 مىليون دوللارلىق قورال ئىمپورت قىلغانلىقىنى، 44 كۈن داۋاملاشقان ئۇرۇش جەريانىدا ئەزەربەيجاننىڭ ئەرمېنىيەگە تەخمىنەن ئۈچ مىليارد 500 مىليون دوللارلىق تالاپەتكە ئۇچراتقانلىقىنى، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئونلارچە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى، نەچچە يۈز تانكا ۋە بىرونېۋىكىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى يازدى.

«ساباھ» گېزىتى، «ۋاكسىنا ئىجاد قىلغان تۈرك تەتقىقاتچىلار كۆچمەنلەر توغرىسىدىكى تونۇشنى ئۆزگەرتىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) ۋاكسىنىسى ئىجاد قىلىپ دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالغان ئەر – ئايال تۈرك دوختۇرلار — ئۇغۇر شاھىن بىلەن ئۆزلەم تۈرەجىنىڭ ئامېرىكادا چىقىدىغان «ۋول سىترىت جورنال» ۋە «نيۇ يورك تايمىز» گېزىتىنىڭ باش بەتلىرىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى؛ خەۋەرلەردە، تۈرك دوختۇرلارنىڭ بۇ غەلىبىسىنىڭ كۆچمەنلەر تونۇشىنى ئىجابىيلىققا يۈزلەندۈرىدىغانلىقى، ھەتتا غەربتە يۈكسەلگەن كۆچمەنلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش خاھىشىغا خاتىمە بېرىش ماھىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«خابەرتۈرك» گېزىتى، «تۈرك ئالىملار كوۋىد – 19 غا قارشى بۇرۇنغا پۈركۈلىدىغان سۇيۇقلۇق (تەرەققىي قىلدۇردى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئەنقەرە، بىلكەنت ۋە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرى ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ھۈجەيرىلەرگە سىڭىپ كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان سۇيۇقلۇق تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى، ھايۋانلارغا قىلىنغان سىناقلاردىن ئۇتۇقلۇق ئۆتكەن سۇيۇقلۇقنىڭ نۆۋەتتە پىدائىيلارغا سىناق قىلىنىدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتە توختالغان دوتسېنت دوكتور ئۇرارتۇ شەكەرنىڭ، سۇيۇقلۇقنىڭ يۇقۇمنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر