21.10.2020

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1513054
21.10.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مەزلۇملارنىڭ يېنىدا بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:  

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ مەزلۇملارنىڭ، ھەق – ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالغۇچىلارنىڭ، ھەقىقەتنىڭ ۋە ئادالەتنىڭ يېنىدا بولۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن ئەسلا ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بالقان رايونىدىن كاۋكاز رايونىغىچە، ئاسىيادىن ئافرىقاغىچە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نەزىرى ھەم دىلىنى تۈركىيەگە ئاغدۇرغانلارنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق شۇنداق قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «لىۋىيەدە بىر ھەربىي ئىسيانچىنىڭ قاراپ تۇرۇپ دۆلەتنى پارچىلىشىغا رازى بولمىدۇق، رازى بولمايمىز. ئەزەربەيجاننىڭ ئىشغال ئاستىدىكى زېمىنلىرىنى ئازاد قىلىش كۈرىشىنى چىن دىلىمىز ۋە پۈتكۈل ئىمكانىيەتلىرىمىز بىلەن قوللىدۇق، قوللاۋاتىمىز ۋە قوللايمىز.»

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىش توغرۇلۇق مۇھىم سىگنال بەردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار، ۋەزىپە ئۆتۈشى جەريانىدا باشتىن - ئاخىر تۈركىيە بىلەن كېڭەش ئىچىدە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىز ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ، تۈركىيەنىڭ كاپالەتچىلىكىمۇ ئىزچىل داۋام قىلىدۇ. شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئەبەدىلئەبەد ياشايدۇ. شىمالدا دائىمىي بىر دۆلەت چوقۇم مەۋجۇت بولىدۇ. ھازىردىن ئېتىبارەن، خەلقىمىزنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى ۋە تۈپ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن، رۇم تەرەپ بىلەن مۇشۇ دائىرىدىلا دىيالوگ باسقۇچى باشلىنىدۇ.»

«‹ستار› گېزىتى»، «تۈركىيە ئېھتىياجلىق دۆلەتلەرگە ئۇن ۋە پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى ياردەم قىلىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنغان جۇمھۇر رەئىسلىك قارارنامىسىگە ئاساسەن، تۈركىيە سۈرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلەرگە ۋە بۇ دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئېھتىياجلىق خەلقلەرگە 100 مىڭ توننىغا قەدەر ئۇن ۋە 10 مىڭ توننىغا قەدەر يېشىل يېسسىمۇق ۋە نوقۇت قاتارلىق پۇرچاق مەھسۇلاتلىرىنى ئىئانە قىلىدۇ.

«‹ستار› گېزىتى»، «يەرلىك ئاپتوموبىلنىڭ باتارېيەسى تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى  ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

يەرلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى TOGG، توك ئاپتوموبىللىرىدا ئىشلىتىلىدىغان باتارېيە تېخنولوگىيەسى ئۈچۈن كېلىشىم ئىمزالىدى. بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئاپتوموبىلى TOGG نىڭ باتارېيەسى تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. TOGG تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان لى-لون باتارېيەسى ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەردىن فاراسىس گۇرۇھى بىلەن تۈزگەن كېلىشىمگە ئاساسەن، باتارېيەمىزنى تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىمىز.»

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «خىتايلارنىڭ تۈركىيەگە بولغان قىزىقىشى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى بايانلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيەدىن ئەڭ كۆپ ئۆي – مۈلۈك سېتىۋالغان چەت ئەللىككەر تىزىملىكىدە ئالدىنقى قاتاردىكى 20 رەتتىن يېقىنقى يىللاردا ئورۇن ئالمىغان خىتايلار، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 9 ئېيى ئىچىدە 659 ئۆي – مۈلۈك سېتىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن، بارلىق تارىختىكى رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىدى. بۇ ئارقىلىق، تۈركىيەدىن ئەڭ كۆپ ئۆي – مۈلۈك سېتىۋالغان 12 – مىللەت خىتايلار بولدى. خىتايلار ئەڭ كۆپ ئىستانبۇلدىن ئۆي – مۈلۈك سېتىۋالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر